گېرمانىيەدە ئىرقچىلىققا قارشى كەڭ كۆلەملىك يىغىلىش ئۆتكۈزۈلدى

گېرمانىيەدە ياۋروپادا باش كۆتۈرگەن ئىرقچىلىق خاھىشىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك يىغىلىش ئۆتكۈزۈلدى.

1204116
گېرمانىيەدە ئىرقچىلىققا قارشى كەڭ كۆلەملىك يىغىلىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيەدە 26-مايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ياۋروپا پارلامېنت سايلاملىرىغا بىر ھەپتە قالغاندا ياۋروپادا باش كۆتۈرگەن ئىرقچىلىق خاھىشىغا قارشى يىغىلىش ئۆتكۈزۈلدى.

نۇرغۇن ئاممىۋى تەشكىلات تەرىپىدىن «ياۋروپا ھەممىمىزنىڭ»نامى ئاستىدا تەشكىللەنگەن يىغىلىش، پايتەخت بېرلىندىن سىرت كۆھلىن، لېىپزىگ، مىيۇنخىن، ھامبۇرگ ۋە ستۇتگارت قاتارلىق شەھەرلەردە ئۆتكۈزۈلدى.

بېرلىندا «ناتسىستلارغا قارشى تۇرۇش ۋە پارچىلانماس ياۋروپا»خەتلىرى يېزىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈۋالغان نامايىشچىلار، ياۋروپادا ئىرقچىلىققا ئورۇن يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى.

بۇ قېتىمقى يىغىلىشقا 20مىڭ ئادەمنىڭ قاتناشقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

يىغىلىشتا ياۋروپا پارلامېنت سايلاملىرىدا ئاشقۇنلارغا ۋە ئامماپەرەست پارتىيەلەرگە ئاۋاز بەرمەسلىككە چاقىرىلىپ مۇنۇلار بايان قىلىندى: «ياۋروپادا ئىرقچىلىق، ئايرىمچىلىق، ئىسلام ۋە يەھۇدىي دۈشمەنلىكى قاتارلىق ناچار ئىللەتلەرگە ئورۇن يوق. كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلىرى ئەمەلىيەتتە ئاز سانلىقلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىدۇر.»

كۆھلىننىڭ بەش رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان يىغىلىشلارغا تەخمىنەن 25 مىڭ كىشى قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار رېن نەھرى بويىدىكى دىيۇتز ۋېرفت مەيدانىغا يىغىلدى.

نامايىشچىلار «ياۋروپا بىرلىشەيلى، ئىرقچىلىققا قارشى ئاۋازىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرەيلى، ئىرقچىلىققا مايىل بولمايلى»دېگەن خەتلەر يېزىلغان لوزۇنكىلارنى ئېسىشتى.  

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھېيكو ماسمۇ تۋىتتېر ئادرېسىدا يازغان ئۇچۇرىدا، يىغىلىشلارغا نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئاۋاز قوشۇشىنىڭ ياخشى ئەھۋال ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: پۇقرالىرىمىزنىڭ بۇ پائالىيىتىدىن خۇشال بولدۇق، بىز بىر نەچچە كىشىنىڭ ئەمەس كۆپ سانلىقنىڭ ياۋروپاسىنى، بىر-بىرىگە قارشى بولغانلارنىڭ ئەمەس باراۋەرلىكنىڭ ياۋروپاسىنى ئارزۇ قىلىمىز. بۇنى 26-مايدىكى سايلامدا تولۇق نامايەن قىلىشىمىز كېرەك، دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر