ئالجىرىيەدىكى نامايىشلار داۋام قىلماقتا

ئالجىرىيە ئوقۇغۇچىلىرى ۋاقىتلىق پىرېزىدېنت ئابدۇلقادىر بىن سالىھ ۋە نۇرەددىن بەدەۋى ھۆكۈمىتىنىڭ ئىستېپا بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ، نامايىشلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

1197117
ئالجىرىيەدىكى نامايىشلار داۋام قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالجىرىيە ئوقۇغۇچىلىرى سابىق پىرېزىدېنت ئابدۇلئەزىز بۇتېفلىكا ھاكىمىيىتى ۋەكىللىرىنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىسلاھاتنى تەلەپ قىلىپ، پايتەختتە ۋە باشقا ۋىلايەتلەردە ھەر ھەپتىنىڭ سەيشەنبە كۈنلىرى باشلىغان نامايىشلارنى داۋاملاشتۇرماقتا.

مىڭلارچە ئوقۇغۇچى ئالجىرىيە شەھىرىدە دۆلەت مىقياسىدا ئىككى ئايدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان نامايىشلارنىڭ سىمۋولىغان ئايلانغان مەركىزىي پوچتىخانا مەيدانىغا قاراپ يۈرۈدى. ئوقۇتقۇچىلار ۋە باشقا پۇقرالارمۇ قاتناشقان نامايىشتا، ۋاقىتلىق پىرېزىدېنت ئابدۇلقادىر بىن سالىھ ۋە نۇرەددىن بەدەۋى ھۆكۈمىتىگە قارشى شوئارلار توۋلاندى.

ئوقۇغۇچىلار، ھاكىمىيەتتە مۇرەسسە تەرەپدارى، دۆلەتنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى ئاسانلاشتۇرىدىغان بىر كىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، رامىزان ئېيى بويىچە نامايىشلارنىڭ داۋام قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

نامايىشچىلار يەنە، بىن سالىھنىڭ يېڭى پىرېزىدېنتلىق سايلىمى ئۈچۈن ئېلان قىلغان 4-ئىيۇل كۈنىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.

ئالجىرىيەنىڭ ساتىف ۋە بېجايە قاتارلىق ۋىلايەتلەردىكى ئۇنىۋېرستېت ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرىمۇ نامايىش ئۆتكۈزدى. نۇرغۇن كىشى قاتناشقان نامايىشلاردا، بۇتېفلىكا ھاكىمىيىتىنىڭ سىمۋولى بولغان بەزى كىشىلەرگىمۇ نارازىلىق بىلدۈرۈلدى. خەۋپسىزلىك تارماقلىرى نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن جايلاردا قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئالدى.

ئالجىرىيەدە سابىق پىرېزىدېنت بۇتېفلىكا تەختتىن ئايرىلدى، بىراق نامايىشلار داۋام قىلماقتا. 20 يىلدىن بۇيان ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان بۇتېفلىكا 2019 -يىلى 2-ئاپرېل (سەيشەنبە) كۈنى تەخمىنەن 1 يېرىم ئاي داۋاملاشقان نامايىشلار ۋە ئارمىيەنىڭ «ئاگاھلاندۇرۇشى» نەتىجىسىدە ئىستېپا بەرگەن ئىدى.

بۇتېفلىكا پالەچ بولۇپ قالغان ۋە چاقلىق ئورۇندۇققا مەھكۇم بولغان يېقىنقى ئالتە يىلدا، دۆلەتنى ئەسلىدە ئۇنىڭ ئىنىسى سەئىد بۇتېفلىكا، ھاكىمىيەت بېشىدىكى دۆلەت ئازادلىق فىرونتى، ھۆكۈمەتكە يېقىن سودا-سانائەتچىلەر گۇرۇھى ۋە ئارمىيەدىكى بەزى كىشىلەردىن تەشكىل تاپقان گۇرۇپپىنىڭ باشقۇرۇۋاتقانلىقى دېيىلىۋاتقان ئىدى. ئالجىرىيەلىكلەر بۇ گۇرۇپپىنى «كۈچ» دەپ ئاتايتتى.

بۇتېفلىكا ئىستېپا بەرگەندىن كېيىن، «كۈچ» نىڭ بىر پارچىسى ۋە بۇتېفلىكا ھاكىمىيىتىنىڭ ۋەكىلى دەپ قوبۇل قىلىنغان دۆلەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئورنىدىكى كىشىلەرنىڭ ھوقۇقىدىن ئايرىلىشى توغرىسىدىكى تەلەپ، ئالجىرىيە كوچىلىرىدىكى كەڭ كۆلەملىك نامايىشلاردا داۋاملىق تىلغا ئېلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر