جو بايدىن ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ئامېرىكانىڭ سابىق پىرېزىدېنتى ئوباما مەزگىلىدە مۇئاۋىن پىرېزىدېنت بولغان جو بايدىن 2020-يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا، دېموكراتلارنىڭ نامزات نامزاتى بولغانلىقىنى رەسمىي ئېلان قىلدى.

1189965
جو بايدىن ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جو بايدىن تۋىتتېردا 2020-يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا دېموكرات پارتىيەسىنىڭ نامزات نامزاتى بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئۇ: «بۇ دۆلەتنىڭ روھى ئۈچۈن كۈرەش ئىچىدە تۇرۇۋاتىمىز. پىرېزىدېنت ترامپنىڭ ئاقسارايدا سەككىز يىل تۇرۇشىغا رۇخسەت قىلساق، دۆلەتنىڭ خاراكتېرىنى مەڭگۈگە ۋە ئۇلىدىن ئۆزگەرتىۋىتىدۇ. بۇنىڭغا قاراپ تۇرالمايمىز» دېدى.

جو بايدىنغا يېقىن كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سابىق مۇئاۋىن پىرېزىدېنت سايلام رىقابىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن بارلىق تەييارلىقلىرىنى پۈتكۈزگەن.

ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان سايلام رىقابىتىگە قاتنىشىپ-قاتناشمايدىغانلىقى ھەققىدىكى قارارى زور قىزىقىش قوزغىغان 76 ياشلىق جو بايدىننىڭ، سايلام سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرىدىكى ئاساسلىق تېمىسىنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپنى يېڭەلەيدىغان ۋە پارتىيەنى بىر يەرگە جەم قىلالايدىغان بىردىنبىر دېموكرات نامزاتىنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىگە مەركەزلەشتۈرىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان ئىدى.

خەلق رايىنى سىناش نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، جو بايدىن دېموكرات سايلىغۇچىلار ئارىسىدا ئەڭ كۆپ قوللاشقا ئېرىشىدىغان كىشى ئىكەن. مونماۋس ئۇنىۋېرستېتى (Monmouth) ئېلان قىلغان بىر تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، جو بايدىن دېموكرات سايلىغۇچىلارنىڭ %27 قوللىشىغا ئېرىشىپ، تىزىملىكنىڭ بېشىدىن ئورۇن ئالغان. ۋېرمونت (Vermont) ئىشتاتىدىن كېڭەش پالاتا ئەزاسى بېرنى ساندېرس (Bernie Sanders) %20 قوللاشقا ئېرىشىپ، تىزىملىكتە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان. ئامېرىكادا 2020-يىلى 3-نويابىر 59-نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتلىق سايلىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ. دېموكراتلاردىكى نۇرغۇن سىياسەتچى ئۇنىڭدىن بۇرۇن پارتىيەنىڭ نامزات نامزاتى بولۇش ئۈچۈن ئۆزئارا رىقابەتلىشىدۇ.

جۇمھۇرىيەتچىلەردىن پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ ئىككىنچى نۆۋەت پىرېزىدېنت بولۇش ئۈچۈن سايلامدا نامزات بولىدىغانلىقى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر