سىرىلانكا 290 ئادەمنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدىن كېيىن ھەرىكەتكە ئۆتتى

سىرىلانكا پىرېزىدېنتى مائىترىپالا سىرىسېنا، چېركاۋ ۋە مېھمانخانىلارغا قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن 24 سائەت ئىچىدە ئالاھىدە ھوقۇقلۇق تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1187604
سىرىلانكا 290 ئادەمنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدىن كېيىن ھەرىكەتكە ئۆتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سىرىلانكا پىرېزىدېنتى مائىترىپالا سىرىسېنا، 290 ئادەمنىڭ ئۆلۈمى، 500 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان چېركاۋ ۋە مېھمانخانىلارغا قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن 24 سائەت ئىچىدە ئالاھىدە ھوقۇقلۇق تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئالىي سوت سودىيەسىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ۋەزىپە ئۆتەيدىغان كومىتېتنىڭ، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ سەۋەبلىرىنى، ئارقا كۆرۈنۈشىنى، قىسقىسى ئېھتىماللىقلار دائىرىسىدىكى بارلىق ئامىللارنى تەكشۈرۈپ چىقىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

پىرېزىدېنت مائىترىپالا سىرىسېنا، كومىتېت ئەزالىرىنى 24 سائەت ئىچىدە تەيىنلىنىدىغانلىقىنى، ھۇجۇمغا ئالاقىدار دوكلاتنىڭ ئىككى ھەپتە ئىچىدە تەييارلىنىپ بولىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

باش مىنىستىر رانىل ۋىكرېمېسىڭھې، ۋەقەگە دۆلەت ۋە ئىقتىسادنى مۇقىمسىزلاشتۇرۇش تىرىشچانلىقى دەپ باھا بەردى.

ئۇ يەنە، تەرتىپ – ئىنتىزامنى ساقلاش ئۈچۈن بارلىق ھوقۇقلۇق دائىرىلەرنىڭ بىر گەۋدە ھالىتىدە خىزمەت قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ، «مۇداپىئە مىنىستىرى، ئارمىيە قوماندانى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىغا قانۇن ۋە تەرتىپ – ئىنتىزامنى ساقلاش ئۈچۈن كۈچلۈك تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش ھەققىدە يوليورۇق چۈشۈردۈم» دېدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدىن كېيىن باشلانغان زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى جەريانىدا 24 ئادەمنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن سىرىلانكا ساقچىلىرى، ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى توغرىسىدا ئۇچۇر بەرمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر