ئەشرەف غېنى: تالىباننىڭ ھۆكۈمەت بىلەن كۆرۈشۈشتىن باشقا يولى يوق

ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئەشرەف غېنى تالىباننىڭ ھۆكۈمەت بىلەن كۆرۈشۈشتىن باشقا تاللاش يولىنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتتى.

1185984
ئەشرەف غېنى: تالىباننىڭ ھۆكۈمەت بىلەن كۆرۈشۈشتىن باشقا يولى يوق
esref gani heyet.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئەشرەف غېنى پىرېزىدېنتلىق سارىيىدا تالىبان بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزىدىغان ھەيئەت بىلەن كۆرۈشتى ۋە قولغا كەلگەن تارىخىي پۇرسەتتىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ تالىبان بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن قاتارغا بارىدىغان ھەيئەتنىڭ، ئافغانىستان ھۆكۈمىتىگە ۋە خەلقىگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ھەيئەتنىڭ ئافغانىستان خەلقى 40 يىل كۈتكەن تىنچلىقنىڭ كېلىشى ئۈچۈن باشلانغۇچ نۇقتىسى بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«تالىباننىڭ ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن كۆرۈشۈشتىن باشقا تاللاش يولى يوق.»

ئۇ قان تۆكۈشنىڭ غەلىبە ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىپ، تىنچلىقنى قازانغاننىڭ كىچىك بالىلار، ئاياللار ۋە يېتىم-يىسىرلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئەشرەف غېنى ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ تەھدىت ھېسابلىنىدىغان تالىبان، دۆلەت ئىچىدىكى نۇرغۇن جايلارنى كونترول قىلماقتا. ئۆتكەنكى يىللاردا ھۆكۈمەت تەرەپ بىر قانچە قېتىم تالىبان بىلەن تىنچلىق سۆھبىتىنى باشلاش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن ۋە بۇ رامكىدا تىنچلىق كېڭىشى قۇرغان بولسىمۇ، ھازىرغىچە بىر نەتىجە قولغا كەلمىدى. قاتار پايتەختى دوھادا ئۆتكۈزۈلىدىغان سۆھبەتنىڭ 19-21-ئاپرېل كۈنلىرى ئەمەلگە ئېشىشى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر