ئافغانىستاندا توي بولۇۋاتقان جايغا قىلىنغان ھۇجۇمدا نۇرغۇن كىشى ئۆلدى
ئافغانىستاندا توي بولۇۋاتقان جايغا قىلىنغان ھۇجۇمدا ئۈچ كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
1183712
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھوست ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى تالىب مانگالنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھوست ۋىلايىتىدە توي بولۇۋاتقان جايغا قىلىنغان قوراللىق ھۇجۇمدا 3 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 10 كىشى يارىلانغان.
شاھىتلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋەقەدىن كېيىن زوراۋان قېچىپ كەتكەن.
ئىگىلىنىشىچە، ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ھازىرغىچە ھېچكىم ئۆز ئۈستىگە ئالمىغان.