خىتاي ئامېرىكىنىڭ لاتىن ئامېرىكىسى سىياسىتىنى ئەيىبلىدى

خىتاي، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى لاتىن ئامېرىكىسىغا «ئارقا باغچىسى» دەك مۇئامىلە قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى.

1183780
خىتاي ئامېرىكىنىڭ لاتىن ئامېرىكىسى سىياسىتىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى لۇ كاڭ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ خىتاينىڭ ۋېنېزۇئېلادىكى رولى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلىرىگە جاۋاب قايتۇردى.

لۇ كاڭ، پومپېيونىڭ ئەيىبلەشلىرىنىڭ «ئاساسسىز» ئىكەنلىكىنى ۋە خىتاي بىلەن لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرىنى مۇناسىۋەتلىرىنى بۇزۇشنى نىشان قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى يەنە، ئامېرىكىنى «ھەردائىم باشقا دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي كۈچىگە تەھدىت سېلىش، ھەتتا ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئۈچۈن لاتىن ئامېرىكىسىغا ئارقا باغچىسدەكلا مۇئامىلە قىلىش» بىلەن ئەيىبلىدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ئۆتكەن ھەپتە خىتاينىڭ ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نېكولاس مادۇرو ھۆكۈمىتىگە ماددىي ياردەم بېرىشىنىڭ دۆلەتتىكى كىرىزىسنىڭ ئۇزىراپ كېتىشىگە ياردەم قىلىش بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.

 

ۋېنېزۇئېلادىكى سىياسىي كىرىزىس

 

كۆپ سانلىقى ئۆكتىچىلەرنىڭ قولىدىكى ۋېنېزۇئېلا مىللىي مەجلىسنىڭ باشلىقى خۇەن گۇايدو، ئۆكتىچىلەرنىڭ يىغىلىشىدا ئۆزىنى «مۇۋەققەت پىرېزىدېنت» دەپ ئېلان قىلغان ۋە باشتا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بولۇپ ئاۋسترالىيە، كانادا، كولومبىيە، پېرۇ، ئېكۋادور، پاراگۋاي، بىرازىلىيە، چىلى، پاناما، ئارگېنتىنا، كوستا رىكا ۋە گىۋاتېمالاغا ئوخشاش دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغانىدى، ئارقىدىن ياۋروپا پارلامېنتىمۇ بۇ يۆنىلىشتە قەدەم تاشلىغانىدى.

تۈركىيە، مېكسىكا، رۇسىيە، كۇبا، خىتاي ۋە بولىۋىيە بولسا، ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نېكولاس مادۇرو ھۆكۈمىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، مادۇرومۇ ئۆزگىرىشلەردىن كېيىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن دىپلوماتىك ۋە سىياسىي مۇناسىۋەتلەرنى ئۈزۈپ تاشلىغانلىقىنى، بىراق سودا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر