ئاۋسترىيەدە ئىرقچىلارغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ئاۋسترىيەدە ئىرقچىلاردىن تەشكىل تاپقان بىر تەشكىلاتقا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

1182904
ئاۋسترىيەدە ئىرقچىلارغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋاز رادىيوسى خەۋىرى: ئاۋسترىيەنىڭ پايتەختى ۋىيانادا ئىرقچى كىلىمچىلەر ھەرىكىتى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا قارشى نامايىش ئېلىپ بېرىلدى.

ئەدلىيە مىنىستىرلىقى بىناسى ئالدىغا يىغىلغان كۆچمەن ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى كىشىلەردىن تەشكىل تاپقان ئىرقچى كىملىكچىلەر ھەرىكىتىگە قارشى، 2000مىڭغا يېقىن كىشى ۋىيانا ئۇنىۋېرسىتېتى ئالدىغا يىغىلىپ، «ئىرقچىلىققا قارشى قوزغىلىڭلار، ناتسىستلارغا قارشىمىز، ئىرقچىلىق ۋە فاشىزمغا قارشى مۈرىنى-مۈرىگە تىرەپ ئاداققىچە كۈرەش قىلىمىز»دېگەن مەزمۇندا شوئار توۋلاشتى.

نامايىشنى ئۇيۇشتۇرغان لىنكسېندې ناملىق ئاممىۋى تەشكىلاتقا ۋاكالىتەن سۆز قىلغان كارىن ۋىلفلىڭسېدېر، فاشىزم ۋە ئىرقچىلىققا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن نامايىش ئۆتكۈزگەنلىكلىرىنى ئېيتتى.

يازغۇچى ۋە سىياسەت پەنلىرى تەتقىقاتچىسى ئىشراگا مۇستاپا، ئىرقچىلىق سىياسەتلىرىنىڭ ياۋروپادا يېڭى ھادىسە ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئاشقۇن ئىرقچى ئاۋسترىيە ئەركىنلىك پارتىيەسىنىڭ مۇسۇلمان ۋە كۆچمەنلەرگە قاراتقان ئىرقچىلىق سىياسەتلىرىنى تەنقىد قىلدى.

مۇستاپا ئىرقچىلارنىڭ مۇسۇلمان ۋە قاراتەنلىكلەرنى ھۇجۇم نىشانى قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ: دۇنيانىڭ ھېچقانداق يېرىدە قانۇنسىز ئىنسان يوقتۇر، مۇساپىرلارنى قانۇنسىز ئېلان قىلىش بولسا  پۈتۈنلەي ئىنسانىيلىقتىن خالىي ئۆچمەنلىككە تولغان خاھىشنىڭ ئىپادىسىدۇر، دېدى.

نامايىشتا سۆزلىگۈچىلەرنىڭ سۆزلىرى تۈگىگەندىن كېيىن نامايىشچىلار، ئىرقچى كىملىكچىلەر ھەرىكىتى ئەزالىرى يىغىلغان ئەدلىيە مىنىستىرلىقى بىناسىغا قاراپ ماڭدى.

ئىرقچى كىملىكچىلەر ھەرىكىتى باياناتچىسى مارتىن سېللېر ناھايىتى ئاز كىشى قاتناشقان بۇ قېتىمقى نامايىشتا، ھاكىمىيەت بېشىدىكى خەلق پارتىيەسىنىڭ، ئىرقچى كىملىكچىلەر ھەرىكىتىنى تاقىۋېتىشكە ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنغان بۇ نامايىشتا، ئىرقچى كىملىكچىلەر ھەرىكىتى ئەزالىرىنىڭ قۇتراتقۇلۇق قىلمىشلىرى تۈپەيلى، ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىش كېلىپ چىقتى.


خەتكۈچ: #ئىرقچىلىق

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر