گوللاندىيەدە ئىرقچىلىق ۋە ئايرىمچىلىققا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

گوللاندىيەنىڭ پايتەختى ئامستىرادامدا يەرلىكلەر ۋە كۆچمەنلەر ئىرقچىلىق ۋە ئايرىمچىلىققا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.

1169555
گوللاندىيەدە ئىرقچىلىق ۋە ئايرىمچىلىققا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گوللاندىيەنىڭ پايتەختى ئامستىرادامدا 21-مارت كومىتېتى تەرىپىدىن ئىرقچىلىق ۋە ئايرىمچىلىققا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

سىياسىي پارتىيەلەر ۋە نۇرغۇن ئورۇن قوللىغان بۇ قېتىمقى نامايىش ئۈچۈن دام مەيدانىغا يىغىلغان مىڭلارچە ئادەم دوكۋېركېر مەيدانىغىچە پىيادە ماڭدى.

نامايىشچىلار «مۇساپىرلار ۋە كۆچمەنلەرنى ئەمەس كاپىتالىزم ۋە ئىرقچىلىقنى ئەيىبلەڭلار، مۇساپىرلارغا ئىشىكلەر ئوچۇق  كاپىتالىزمغا يېپىقتۇر، ئىرقچىلىقنى توختىتىڭلار،ئىسلامدىن قورقۇشنىڭ ھاجىتى يوق، مۇساپىرلارغا ئىشىكىڭلارنى ئېچىپ ئىرقچىلىققا تاقاڭلار، ھەممە ئادەم باراۋەردۇر، گوللاندىيەدىكى بارلىق ئىرقچىلار قوغلانسۇن، ئىرقچىلىق ئىدىيە ئەمەس، ئىنسان بولۇڭلار ۋە ئۆزگىلەرنى ھۆرمەتلەڭلار»دېگەن مەزمۇندا شوئار توۋالاشتى.

گوللاندىيەلىكلەردىن سىرت ھەر خىل مىللەتتىن بولغان كۆچمەنلەرمۇ قاتناشقان بۇ قېتىمقى نامايىشتا، «زوراۋانلىققا، ئۇرۇشقا، ئىرقچىلىققا. ئايرىمچىلىققا ۋە ئىسلامدىن قورقۇش خاھىشىغا قارشىمىز»دېگەن ئىدىيەنى كەڭ تارقىتىش تەشەببۇس قىلىندى.

نامايىشتا يەنە، گوللاندىيەدە ئىرقچىلىقنىڭ بارغانچە ئۇلغىيىۋاتقانلىقى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئاشقۇن مىللەتچىلەر ۋە پارتىيەلەرنى قوللايدىغانلارنىڭ سانى كۆپىيىۋاتقانلىقىمۇ تەكىتلەندى.

نامايىشلار جېدەلسىز ئاخىرلاشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر