مۇسۇلدا كۆمتۈرۈلۈپ كەتكەن كېچىك كېمىسى ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى كۆپەيدى

ئىراقنىڭ مۇسۇل شەھىرىدە كېچىك كېمىسىنىڭ كۆمتۈرۈلۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 71 گە يەتتى.

1168834
مۇسۇلدا كۆمتۈرۈلۈپ كەتكەن كېچىك كېمىسى ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى كۆپەيدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، مۇسۇلدا «دىجلە دەرياسى» ساھىللىرىدا بىر كېچىك كېمىسىنىڭ كۆمتۈرۈلۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە 71 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، ئىزدەش - قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى داۋامىدا 19 بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 55 كىشى قۇتقۇزۇۋېلىنغان بولۇپ، كېچىك كېمىسىنىڭ كۆمتۈرۈلۈپ كېتىشىنى، كېمىگە ئولتۇرغانلارنىڭ ھەددىدىن زىيادە بولۇشى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

يەرلىك مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كېچىك كېمىسىگە پەقەت 50 كىشىلا ئولتۇرسا بولىدىكەن.

ئىراق باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇسۇلدا كېچىك كېمىسى كۆمتۈرۈلۈپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، باش مىنىستىر ئادىل ئابدۇلمەھدى، ۋەقەنى جىددىي تەكشۈرۈپ، دەرھال بىر تەرەپ قىلىش توغرۇلۇق يوليورۇق چۈشۈرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر