مۇسۇلدا يەنە بىر كوللېكتىپ مازار تېپىلدى

ئىراقتا 76 ئادەمنىڭ جەسىتى كۆمۈلگەن بىر كوللېكتىپ مازار تېپىلدى.

1165256
مۇسۇلدا يەنە بىر كوللېكتىپ مازار تېپىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، مۇسۇلنىڭ سىنجار ناھىيەسىدە 76 ئادەمنىڭ جەسىتى كۆمۈلگەن يېڭى بىر كوللېكتىپ مازارنىڭ تېپىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق ۋەخپىلەر ۋە دىنىي ئىشلار مىنىستىرلىقى 5 – مارتتا دائېش تەرىپىدىن 2014 – يىلى 3 – ئاۋغۇستتىن باشلاپ كۆپ سانلىقى سىنجاردا سادىر قىلىنغان ئەزىدىيلەرگە قارشى جىنايەتلەرگە ئالاقىدار بەزى ئۇچۇرلارنى ئورتاقلاشقانىدى.

مىنىستىرلىقنىڭ مەزكۇر باياناتىدا، ھازىرغىچە ئەزىيدىلەر كۆمۈۋېتىلگەن 71 كوللېكتىپ مازارنىڭ تېپىلغانلىقى، تۇتۇپ كېتىلگەن 6417 ئادەمنىڭ 3 مىڭدىن كۆپرەكىنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ ھازىرغىچە نامەلۇم ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر