ئامېرىكا پالاتا ئەزاسى ئەسكەرلىك جەريانىدا باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتتى

ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ تۇنجى ئايال ئۇچقۇچىسى ئۇنۋانىغا ئىگە بولغان پاتالا ئەزاسى مارتا مىك ساللىي ئەسكەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەش جەريانىدا بىر ھەربىي ئوفېتسىرنىڭ باسقۇنچىلىقىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1158799
ئامېرىكا پالاتا ئەزاسى ئەسكەرلىك جەريانىدا باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئارىزونا ئىشتاتى جۇمھۇرىيەتچىلەر پالاتا ئەزاسى مىك ساللىي پالاتا قوراللىق خىزمەتلەر تۆۋەن كومىتېتىنىڭ «ئارمىيەدە جىنسىي ھۇجۇملار» تېمىلىق دوكلات يىغىنىدا، ئۆزىنىڭمۇ باسقۇنچىلىق قۇربانى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ھاۋا ئارمىيەسىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە، يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ھەربىي ئوفېتسىر تەرىپىدىن باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى تىلغا ئالغان مىك ساللىي: «ئۇزۇن يىللارغىچە سۈكۈت قىلدىم. كېيىنچە ئارمىيەدە ھەر خىل چىرىكلىك مەسىلىسى يۈز بېرىپ، يېتەرسىز نارازىلىقلار بىلدۈرىلىشكە باشلانغاندا، بەزىلەرنىڭ بۇ ئىشنى بىلىشى كېرەكلىكىنى ھېس قىلدىم. مانا مەنمۇ ھايات قالغانلاردىن بىرسىمەن» دېدى.

52 ياشلىق جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى پالاتا ئەزاسى ئەينى چاغدا باشتىن كەچەرگەنلىرىنى ئورتاقلىشىشقا تىرىشقاندا ئالاقىدار مەسئۇللارنىڭ بۇ ئىشقا تۇتقان پوزىتسىيەسىنىڭ ئۆزىنى ئىنتايىن قورقۇتقانلىقىنى، ھەتتا ئىشنىڭ ھاۋا ئارمىيەسىدىن ئايرىلىش نۇقتىسىغىچە كەلگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ، «باشقا نۇرغۇنلىغان قۇربانلارغا ئوخشاش مەنمۇ تۈزۈمنىڭ ماڭا قايتىدىن باسقۇنچىلىق قىلغانلىقىنى ھېس قىلدىم» دېدى.

ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىدە 26 يىل خىزمەت قىلغاندىن كېيىن پالكوۋنىك ئۇنۋانى بىلەن پىنسىيەگە چىققان مىك ساللىي: «ئارمىيەدىكى جىنسىي ھۇجۇملارنى توختىتىش ئۈچۈن ئۇزۇن بىر مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتۇق، بىراق يەنە بېسىشقا تېگىشلىك تېخىمۇ ئۇزۇن يولىمىز بار» دېدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر