سۈرىيەنىڭ ئافرىن ناھىيەسىدە تېررورلۇق ھۇجۇمى توسۇپ قىلىندى

سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تۈركىيە ئارمىيەسى ۋە ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ كونتىروللۇقىدىكى ئافرىن ناھىيەسىدە تېررورلۇق ھۇجۇمى توسۇپ قىلىندى.

1152703
سۈرىيەنىڭ ئافرىن ناھىيەسىدە تېررورلۇق ھۇجۇمى توسۇپ قىلىندى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەرلىك ساقچى قىسىم ئافرىن ناھىيەسى مەركىزىدە كېچىدە ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش جەريانىدا بىر ئاپتوموبىلدا يىراقتىن باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئۇرۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى بايقىدى.

بومبا پاچاقلاش ئەترىتى نەخ مەيدانغا يېتىپ بېرىپ، بومبىنى پاچاقلاپ تاشلىدى. يەرلىك ساقچى قىسىملىرىنىڭ دىققەت بىلەن ئىش تۇتىشى ئادەم ئۆلۈش ۋەقەسى يۈز بېرىش ئېھتىمالىنىڭ ئالدىنى ئالدى.

بۈلگۆنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ/ پ ك ك پات - پات پۇقرالارغا قارىتا تېررورلۇق ھۇجۇملىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە.

تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ فېۋرال ئېيىدا ئېلىپ بارغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدا بىر كچىك بالىنى قوشقاندا جەمئىي 25 دىن ئارتۇق كىشى يارىدار بولغان ئىدى.

ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىگە قاراشلىق بىخەتەرلىكنى قوغداش ئەترەتلىرى 2018يىلى مارت ئېيىدا تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ياردىمى بىلەن ئافرىندا ي پ گ / پ ك ك نىڭ ئىشغالىتىگە خاتىمە بەرگەن بولۇپ، شۇنىڭدىن بۇيان ئافرىندا بىخەتەرلىكنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتمەكتە. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر