ئامېرىكا بىلەن تالىبان ئوتتۇرىسىدا بۈگۈن تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ

ئامېرىكا بىلەن تالىبان ئوتتۇرىسىدا مۇشۇ ھەپتە باشلىنىشى كۈتۈلگەن تىنچلىق سۆھبەتلىرىگە، تالىباننىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن موللا ئابدۇلغانى بارادارنىڭمۇ قاتنىشىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.

1152099
ئامېرىكا بىلەن تالىبان ئوتتۇرىسىدا بۈگۈن تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتار ئامېرىكا بىلەن تالىبان ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان سۆھبەتكە ساھىبخانلىق قىلىدىغان بولۇپ، بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلدى.

قاتار ھۆكۈمىتى ئامېرىكا بىلەن تالىبان ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان تىنچلىق سۆھبىتىگە تالىباننىڭ قۇرغۇچىلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالىدىغان ۋە پاكىستاننىڭ نازارىتىدە سەككىز يىل تۈرمىدە ياتقاندىن كېيىن، ئۆتكەن يىلى (2018) قويۇپ بېرىلگەن موللا ئابدۇلغانى بارادارنىڭمۇ قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دىپلوماتىك مەنبەلەردە قەيت قىلنىشىچە، تىنچلىق سۆھبىتى قاتار پايتەختى دوھادا بۈگۈن (25-فېۋرال) باشلىنىدىكەن.

ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئەشرەف غېنى ھۆكۈمىتى ئۈچۈن چوڭ تەھدىت ھېسابلىنىدىغان تالىبان، ھازىرمۇ ئافغانىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ھۆكۈمرانلىقىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ئۆتكەنكى يىللاردا بىر قانچە قېتىم تالىبان بىلەن تىنچلىق سۆھبىتىنى باشلاش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، تىنچلىق كېڭىشى قۇرغان بولسىمۇ، ئەمما بىر نەتىجىگە ئېرىشەلمىدى.

سابىق پىرېزىدېنت ھامىد كارزايىنىڭ دەۋرىدە، ھۆكۈمەت بىلەن تالىبان ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچرىشىشلارنىڭ 2013-يىلى ئىيۇن ئېيىدا قاتار پايتەختى دوھادا ئۆتكۈزۈش پىلان قىلىنغان ئىدى. بىراق، تالىباننىڭ ئىشخانىغا «ئافغانىستان ئىسلام ئەمىرلىكى» نىڭ بايرىقىنى ۋە گېربىنى ئېسىشى سەۋەبىدىن ئافغانىستان ھۆكۈمىتى سۆھبەت ئۆتكۈزۈشتىن ۋاز كەچكەن ئىدى.

تالىباننىڭ ئىشخانىسى بىر ئايدىن قىسقىغىنە ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن تاقالغان ۋە نەتىجىدە تىنچلىق سۆھبەتلىرىمۇ كېچىكتۈرۈلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر