ۋېنېزۇئېلادا ئۆكتىچىلەر ۋە مادۇرو تەرەپدارلىرى تەڭ نامايىش قىلىدۇ

بۈگۈن (12-فېۋرال) تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ سىياسىي كىرىزىسنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ۋېنېزۇئېلادا، ھۆكۈمەت ۋە ئۆكتىچى تەرەپدارلار قايتىدىن نامايىش ئۆتكۈزىدۇ.

1143680
ۋېنېزۇئېلادا ئۆكتىچىلەر ۋە مادۇرو تەرەپدارلىرى تەڭ نامايىش قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو تەرەپدارلىرى ئېمبارگو قارارلىرى ۋە ھەربىي جەھەتتىن ئارىلىشىش تەھدىتلىرىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن پايتەخت كاراكاستىكى تارىخىي جايدا يىغىلىدۇ.

ھازىر ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇۋاتقان ۋېنېزۇئېلا بىرلەشمە سوتسىيالىست پارتىيەسى (PSUV) تەرىپىدىن بولىۋار مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىلىشتا، مادۇرو نۇتۇق سۆزلەيدۇ.

ئۆزىنى «ۋاقىتلىق پىرېزىدېنت» دەپ ئېلان قىلغان دۆلەت پارلامېنتى باشلىقى خۇەن گۇايدو تەرەپدارلىرى بولسا، ئامېرىكانىڭ كولومبىيە، بىرازىلىيە ۋە كارايىپ دېڭىزىدىكى بىر ئارالغا توپلىغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنىڭ ۋېنېزۇئېلاغا كىرگۈزۈلۈشىنى تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلىدۇ.

ۋېنېزۇئېلا ئارمىيەسىدىن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنىڭ دۆلەتكە كىرگۈزۈلۈشىگە رۇخسەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان ئۆكتىچىلەر، كاراكاسنىڭ مېرسېدېس (Mercedes) مەھەللىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىلىشتا ئۇچرىشىدۇ.

ئۆكتىچى رەھبەر خۇەن گۇايدو يىغىلىش ھەققىدە تۋىتتېردا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا: «ئارمىيەگە ئوچۇق سىگنال بېرىمىز. ۋېنېزۇئېلالىقلارنىڭ سېپىدە تۇرۇڭلار ۋە كىشىلىرىمىزنىڭ ئېھتىياجلىق بولغان دورا ۋە يېمەكلىكلەرنىڭ يەتكۈزۈلۈشىگە رۇخسەت قىلىڭلار» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر