ئۆكتىچى رەھبەر خۇەن گۇايدو دۆلەت پىلانىنى ئېلان قىلدى

ۋېنېزۇئېلادا ئۆزىنى «ۋاقىتلىق پىرېزىدېنت» دەپ ئېلان قىلغان خۇەن گۇايدو ۋېنېزۇئېلانىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تەييارلانغان «دۆلەت پىلانى» نى ئېلان قىلدى.

1136953
ئۆكتىچى رەھبەر خۇەن گۇايدو دۆلەت پىلانىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خۇەن گۇايدو پايتەخت كاراكاستىكى ۋېنېزۇئېلا مەركىزىي ئۇنىۋېرستېتىدا «دۆلەت پىلانى» نىڭ تەپسىلاتلىرىنى ئېلان قىلدى.

خۇەن گۇايدو پىلاننىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى: «بىز ياشاۋاتقان قورقۇنچ دۆلىتىنى ياخشىلاش ۋە خەلقنىڭ خىزمىتىگە سۇنۇش. مەبلەغنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن ئىشەنچ پەيدا قىلىپ، ۋېنېزۇئېلانى قايتىدىن دۇنيا بىلەن بىرلەشتۈرۈش» قاتارلىق تېمىلار بويىچە رەتكە تىزدى.

ئۇ خەلق قىيىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئېلېكتىر ھەمدە خىزمەتلەردىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «پىلاننىڭ مەركىزى خەلق» دېدى.

ئۇ پىلاننىڭ ئىجرا قىلىنىشى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم ساھەلەرنىڭ، «دېھقانلار، ئارمىيە ۋە خەلقئارالىق جەمئىيەت» ئىكەنلىكىنى؛ ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئۆزىنى «ۋاقتلىق پىرېزىدېنت» دەپ ئېتىراپ قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

خۇەن گۇايدو نىكولاس مادۇرونى قوللىغان رۇسىيە ۋە خىتاينى، كېلىشىمگە، پۇرسەتلەر ئۈستىدە ئىزدىنىشكە چاقىردى.

ئۇ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنىڭ بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئەڭ مۇھىم مەسىلە ئىكەنلىكىدىن بېشارەت بېرىپ، دۆلەت پىلانىنىڭ يېڭى ئەمەسلىكىنى، يىللارچە داۋاملاشقان تەتقىقاتلار نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ خەلقنى شەنبە (2-فېۋرال) كۈنى كاراكاسنى ئاساس قىلغان ھالدا دۆلەتنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان نامايىشلارغا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر