ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى سۈرىيە قانۇن تەكلىپىنى تەستىقلىدى

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا سۈرىيەدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە ۋە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن ھەمكارلاشقانلارغا قاتتىق ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قانۇن تەكلىپى ئاۋاز بىرلىكى بىلەن قوبۇل قىلىندى.

1132216
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى سۈرىيە قانۇن تەكلىپىنى تەستىقلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «2019سىزېر سۈرىيە پۇقرالارنى قوغداش قانۇنى» دەپ نام بېرىلگەن لايىھە، ئاۋام پالاتاسىدىكى بېرىشتە، ئاۋاز بىرلىكى قوبۇل قىلىندى. قانۇن لايىھەسى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ، سۈرىيە ھاكىمىيىتى، بىخەتەرلىك ئورگانلىرى ياكى سۈرىيە مەركىزىي بانكاسى بىلەن ھەمكارلاشقانلارغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى تەكلىپ قىلىدۇ.

قانۇن لايىھەسىدىكى ئېمبارگولار، سۈرىيە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە چېتىشلىق قۇرۇلۇش لايىھەلىرى ياكى سۈرىيەدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ كونتروللۇقىدىكى ھاۋا يولى ۋە ئېنېرگىيە سانائىتى بىلەن ھەمكارلاشقانلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

قانۇن لايىھەسى بويىچە، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ قورشاۋى سەۋەبىدىن ئاچارچىلىق، خىمىيەلىك قورال ھۇجۇملىرى قاتارلىق ئىنسانىيەتكە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن جىنايەتلەرگىمۇ ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدۇ. قانۇن دائىرىسىدە، پىرېزىدېنت ترامپ ھەر ئەھۋال ئۈچۈن ئايرىم ئېمبارگو يۈرگۈزەلەيدۇ، تىنچلىق ئۇچرىشىشلىرىدا ئىلگىرىلەش ھاسىل بولغاندا ياكى پۇقرالارغا قىلىنغان ھۇجۇملار توختىغاندا ئېمبارگولارنى توختىتىشقا بولىدۇ.

ئاۋام پالاتاسىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ باشلىقى ئېلىيوت ئېنگېل: «دۇنيا سۈرىيەلىكلەر مەسىلىسىدە مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلمىدى. ھەر قانداق نەرسە بۇ كىشىلەرنىڭ سەككىز يىلغا يېقىن تارتقان جاپا-مۇشەققەتلىرىنى قايتۇرۇۋالالمايدۇ. ھېچقانداق نەرسە ئۆلۈپ كەتكەنلەرنى قايتۇرۇپ كېلەلمەيدۇ. كۆزىمىزنى باشقا ياققا بۇراپ، بەششار ئەسەدنىڭ، رۇسىيەنىڭ ۋە ئىراننىڭ سۈرىيەنى ئىزىشىغا رۇخسەت قىلالمايمىز» دېدى.

بۇنىڭدىن بۇرۇنقى ئىككى نۆۋەتلىك ئاۋام پالاتاسىدىمۇ قوبۇل قىلىنغان قانۇن تەكلىپ لايىھەسى، ئامېرىكادا ھۆكۈمەت تاقاقلىق بولۇشى سەۋەبىدىن كېڭەش پالاتاسىدا ئاۋازغا قويۇلمىدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ 2018-يىل 19-دېكابىر ئېلان قىلغان باياناتىدا، سۈرىيەدىن ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا، پىرېزىدېنت ترامپنىڭ مەزكۇر قارارى ۋاشىنگتوندا مۇنازىرە قوزغىغان ئىدى.

قانۇن تەكلىپىنىڭ ئىسمى، سۈرىيەدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن ئۇرۇش جىنايەتلىرىنى ۋە قىيىن-قىستاقلىرىنى ئىسپاتلايدىغان فوتوگرافلارنى يەتكۈزگەن كودى «سىزېر» (Caesar) ناملىق ئەسكەردىن كېلىدۇ.

سۈرىيەدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە قاراشلىق ھەربىي قىسىملار قىيىن-قىستاق قىلىپ ياكى ئاچ قويۇپ ئۆلتۈرگەن ئۆكتىچىلەرنىڭ رەسىمىنى تارتىش ۋەزىپىسى بېرىلگەن ۋە كودى «سىزېر» بولغان ئەسكەر، 11 مىڭ قۇرباننىڭ 55 مىڭ فوتوگرافىنى ئېلىپ سۈرىيەدىن قېچىپ چىققان ئىدى. تۈركىيەنىڭ ئانادولۇ ئاگېنتلىقىمۇ بۇ فوتوگرافلارنى جەمئىيەتكە ئاشكارىلىغان ئىدى.

فوتوگرافلار تارقالغاندىن كېيىن، خەلقئارادا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغالغان بولۇپ، ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ب د ت سۈرىيەدە يۈز بەرگەن ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى تەكشۈرۈشنى ۋە جاۋابكارلارنى جازالاشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر