ئامېرىكانىڭ ھەربىي ۋە كونگرە ئەزالىرى پاكىستاننى زىيارەت قىلماقتا

پاكىستان قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندانى كامار جاۋىد باجۋا ئافغانىستاندا تىنچلىقنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنىڭ، رايوندا ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1129938
ئامېرىكانىڭ ھەربىي ۋە كونگرە ئەزالىرى پاكىستاننى زىيارەت قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان ئارمىيەسىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا مەركىزى قوماندانلىق ئىشتابى (CENTCOM) نىڭ قوماندانى جوسېف ۋوتېل ۋە ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت، پاكىستاننىڭ راۋالپىندى شەھىرىدىكى قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئىشتابىدا پاكىستان ئارمىيەسىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشكەن. كۆرۈشۈشتە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر، گېئو ئىستراتېگىيەلىك مەسىلىلەر ۋە رايونلۇق خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان.

كۆرۈشۈش جەريانىدا، پاكىستان قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندانى كامار جاۋىد باجۋانىڭ، «ئافغانىستاننىڭ تىنچلىقى رايون ئۈچۈن ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە. پاكىستان ئارمىيەسى رايوندا تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغان بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىدۇ» دېگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى لىندسېي گراھاممۇ پاكىستاننى زىيارەت قىلدى. پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى گراھامنىڭ باش مىنىستىر ئىمران خان ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شاھ مەھمۇت كۇرەشى بىلەن كۆرۈشكەنلىكى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا بىلدۈرۈلىشىچە، كۆرۈشۈشتە، پاكىستاننىڭ ئافغانىستاندا تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن باسقان قەدەملىرى، كەشمىرنىڭ ئەھۋالى ۋە ھىندىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەر توغرىسىدا گراھامغا مەلۇمات بېرىلگەن.

گراھام ئافغانىستان مەسىلىسىدە بېسىلغان قەدەملەر سەۋەبىدىن پاكىستاننى تەبرىكلىگەن ۋە بۇ مەسىلىنىڭ ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭمۇ ئالدىن ئەھمىيەت بېرىدىغان مەسىلىلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابى باشلىقى ۋوتېل ۋە كېڭەش پالاتا ئەزاسى گراھامنىڭ پاكىستان زىيارىتى، ئۆتكەن ھەپتە ئىچىدە ئامېرىكادىن پاكىستانغا قىلىنغان ئۈچىنچى زىيارەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئامېرىكانىڭ ئافغانىستان ئالاھىدە ۋەكىلى زالماي خالىلزاد بۇلاردىن بۇرۇن پاكىستانغا يېتىپ كەلگەن ئىدى. ئۇ سېنتەبىر ئېيىدىن بۇيان پاكىستانغا بەش قېتىم باردى ۋە بۇ قېتىمقى ئىككى كۈنلۈك زىيارىتىنى ئۇزارتىپ، ئۇچرىشىشلىرىنى داۋام قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر