تېھران: ۋاشىنگتون مەغلۇبىيىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زارىف دۆلىتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ خالىغىنىدەك نورمال بىر دۆلەت بولمايدىغانلىقىنى، شۇڭا ۋاشىنگتوننىڭ مەغلۇبىيىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

1123478
تېھران: ۋاشىنگتون مەغلۇبىيىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: زارىف ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ ئىرانغا ئالاقىدار باياناتلىرىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى قاچان، قەيەرگە مۇداخىلە قىلسا، شۇ چاغدا ۋە شۇ يەردە قالايمىقانچىلىق، بېسىم ۋە پىتنە - پاسات ئوتتۇرىغا چىقىدۇ، پومپېيونىڭ ئىراننى نورمال بىر دۆلەتكە ئايلاندۇرۇش خىيالى پەقەت جەھەننەم توڭلاپ مۇز تۇتقاندىقلا ئاندىن ئىشقا ئېشىشى مۇمكىن، شۇ چاغدا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ قورچاق ھاكىمىيەتلىرى پومپېيونىڭ كىشىلىك ھوقۇق مودېلى سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئىراننى نورمال بىر دۆلەتكە ئايلاندۇرۇشى مۇمكىن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئەسلى نىيىتى <شاھ ھاكىمىيىتى دەۋرى» دىكىگە، ياكى ھازىرقى <جاللات ھاكىمىيەتلەر> گە  ئوخشاش قورچاق بىر ھاكىمىيەتنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشتۇر. بىز بۇنىڭغا ئەسلا يول قويمايمىز، شۇڭا، ئەڭ ياخشىسى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىران مەسىلىسىدە مەغلۇب بولغانلىقىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ئوتتۇرا شەرق زىيارىتىنىڭ تۇنجى بېكىتى ئىيوردانىيەدە بەرگەن باياناتىدا، ئىراننى نورمال بىر دۆلەتكە ئايلاندۇرۇشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەنىدى: «شۇڭا، ئىرانغا قارىتىلغان بېسىمنى پەقەت دىپلوماتىك ساھەدىلا ئەمەس، سودا ساھەسىدىمۇ ئىككى ھەسسە كۈچەيتىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر