بوكو ھارام تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ نۇرغۇن ئەزاسى يوقىتىلدى
نىگېرىيە ئارمىيەسىنىڭ بورنو ئىشتاتىدىكى ئىككى يېزىغا بېسىپ كىرگەن تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارامنىڭ 50 ئەزاسىنى ئۆلۈك ھالدا قولغا چۈشۈرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بوكو ھارام تېررورلۇق تەشكىلاتى نىگېرىيەنىڭ بورنو ئىشتاتىدىكى ئىككى يېزىغا بېسىپ كىرىشى سەۋەبىدىن چىققان ئېتىشىشلاردا، خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ئەڭ ئاز دېگەندە 50 تېررورىستنى ئۆلۈك ھالدا قولغا چۈشۈردى.
بورنو ئىشتاتىدا ياشايدىغان بابانگىدا ئىبراھىم: «ئەبۇبەكىر شەكاۋنىڭ قول ئاستىدىكى تەشكىلات ئەزالىرى دەپ تەخمىن قىلىنغان كىشىلەر كېچىدە ئىككى يېزىغا بېسىپ كىردى، بىراق ئۇلار يېزىلاردىن قوغلاپ چىقىرىلدى» دېدى.
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى:
«نىگېرىيە ئارمىيەسىنىڭ پىيادە قىسمىغا، ھاۋا ئارمىيە قىسىملىرى ياردەم قىلدى. تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ ئاز دېگەندە 50 ئەزاسى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى، قوراللىرى يىغىۋېلىندى.»
نىگېرىيە ئارمىيەسى تۈنۈگۈن (7-يانۋار) بايانات ئېلان قىلىپ، بورنو ۋە يوبې ئىشتاتلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە 100 دىن ئارتۇق بوكو ھارام تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
نىگېرىيەدە 2000-يىللارنىڭ بېشىدىن تارتىپ، باش كۆتۈرگەن بوكو ھارام تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 2009-يىلدىن باشلاپ پەيدا قىلغان كەڭ كۆلەملىك زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىدە 20 مىڭدىن ئارتۇق كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.
بوكو ھارام تېررورلۇق تەشكىلاتى 2015-يىلدىن بۇيان قوشنا دۆلەت كامېرون، چاد ۋە نىگېر قاتارلىق دۆلەتلەردە ھۇجۇم ۋەقەلىرىنى پەيدا قىلىۋاتقان بولۇپ، چاد كۆلى ئويمانلىقىدىكى ھۇجۇمدا ئەڭ ئاز دېگەندە 2 منىڭ كىشى جېنىدىن ئايرىلغان ئىدى.