يەنە 2500 ئاراكانلىق يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالدى

ب د ت ئاراكاندا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا تەخمىنەن 2500 ئادەمنىڭ يۇرت-ماكانلىرىنى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

1118109
يەنە 2500 ئاراكانلىق يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى باياناتچىلىرىدىن فەرھان ھەق، ئاراكاندا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا تەخمىنەن 2500 ئادەمنىڭ يۇرت-ماكانلىرىنى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى ئېيتتى.

فەرھان ھەق تاراتقۇلارنى ۋاقىپلاندۇرۇش يىغىنىدا، ئۆتكەن ئايدا بىرما ئارمىيەسى بىلەن ئاراكان ئازادلىق كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇش تۈپەيلى 2500 ئادەمنىڭ كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتچى فەرھان ھەق ب د ت غا قاراشلىق ئىنسانىي ياردەم كوردىناتسىيە ئىشخانىسىنىڭ كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان ئاراكانلىقلارنىڭ جىددىي ئېھتىياجلىرىنى قامداش ئۈچۈن رايونغا ياردەم ئەترىتى ئەۋەتكەنلىكىنى دېدى.

ب د ت نىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2017-يىلى 25-ئاۋغۇستتىن كېيىن ئاراكاندىن قېچىپ باڭلادېشتىن پاناھلىق تىلىگەنلەرنىڭ سانى 720گە يەتكەن. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئاراكاندا يۈزلەرچە يېزىنىڭ پۈتۈنلەي يوق قىلىنغانلىقىنى سۈنئىي ھەمراھ كۆرۈنۈشلىرى ئارقىلىق ئىسپاتلاپ چىقتى.

ب د ت ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئاراكانلىق مۇسۇلمانلار ئۇچرىغان زۇلۇملارنىڭ «ئېتنىك تازىلاش» ياكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق»بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەلقئارا تاراتقۇ ۋە ياردەم ئورگانلىرىنىڭ ئاراكان رايونىغا كىرىپ چىقىشىنى چەكلىگەن بىرما ھۆكۈمىتى، ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ يۇرتلىرىغا قايتىپ كېلىشى توغرىسىدا بەرگەن ۋەدىلىرىنى ھازىرغىچە ئورۇندىمىدى.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئاراكاندا تېگىشلىك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنمىغان ئەھۋالدا ئاراكانلىق مۇسۇلمانلار يۇرتلىرىغا قايتىپ كەتسە يەنە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دۇچ كېلىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ب د ت خەلقئارا بىرما مۇستەقىل تەكشۈرۈش كومىتېتى باشلىقى مەرزۇقى دارۇسمەن، بىرما ھۆكۈمىتىگە قورال ئېمبارگوسى قويۇلۇپ جاۋابكارلارنىڭ جازالاندۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر