بېيجىڭ قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەجرىبىخانىسىدا پارتلاش مەيدانغا كەلدى

خىتايدا بېيجىڭ قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىدا مەيدانغا كەلگەن پارتلاشتا 3 ئوقۇغۇچى ھاياتىدىن ئايرىلدى .

1113971
بېيجىڭ قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەجرىبىخانىسىدا پارتلاش مەيدانغا كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «China Daily» نىڭ ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىنىڭ مەلۇماتلىرىنى مەنبە كۆرسىتىپ خەۋەر قىلىشىچە، بېيجىڭ قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇھىت قۇرۇلۇشى فاكۇلتېتىنىڭ تەجرىبىخانىسىدا مەيدانغا كەلگەن پارتلاشتا، كېرەكسىز سۇنى بىر تەرەپ قىلىشنى سىناق قىلىۋاتقان 3 ئوقۇغۇچى قازا قىلغان، پارتلاشتىن كېيىن يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى كونتىرول ئاستىغا ئېلىنغان بولۇپ، پارتلاشنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈش باشلانغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر