ئىراندا پىنسىيەگە چىققان ئەسكەرلەر نامايىش ئۆتكۈزدى

ئىراندا پارلامېنت بىناسى ئالدىغا توپلاشقان بىر گۇرۇپپا پىنسىيەگە چىققان ئەسكەرلەر مائاشلىرىنىڭ يەتمەيۋاتقانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

1109060
ئىراندا پىنسىيەگە چىققان ئەسكەرلەر نامايىش ئۆتكۈزدى

 

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىرانلىق ئوقۇغۇچىلار خەۋەر ئاگېنتلىقى «ISNA» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بىر گۇرۇپپا پىسنىيەگە چىققان ھەربىي خادىملار مائاشلىرىنىڭ ئۆستۈرۈپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىپ، ئەتىگەندە تېھراندىكى پارلامېنت بىناسىنىڭ ئالدىغا توپلاشقان. 

پىنسىيەگە چىققان ئەسكەرلەر كېلەر يىللىق خام چوتتا مائاشلىرىنىڭ ياخشىلاپ بېرىلىشىنى ۋە بىۋاستە باج قانۇنىنىڭ قايتىدىن رەتكە سېلىنىشىنى تەلەپ قىلغان.

پارلامېنتنىڭ بىۋاستە باج قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش تەكلىپى بۈگۈنكى پارلامېنت يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر