بۈگۈن سۈرىيە ئاساسىي قانۇن كومىتېتى قۇرۇش توغرىسىدا قارار چىقىرىلىدۇ

جەنۋەدە بۈگۈن چاقىرىلىدىغان يىغىندا سۈرىيە ئاساسىي قانۇن كومىتېتى قۇرۇش توغرىسىدا قارار چىقىرىلىدۇ.

1109048
بۈگۈن سۈرىيە ئاساسىي قانۇن كومىتېتى قۇرۇش توغرىسىدا قارار چىقىرىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدىكى كىرىزىسكە ھەل قىلىش چارىسى تېپىش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خىزمەتلەر دائىرىسىدە مۇھىم قەدەملەر تاشلانماقتا.

تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بۈگۈن شىۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە كۆرۈشىدۇ.

يىغىندا ئاساسىي قانۇن كومىتېتى قۇرۇش توغرىسىدا قارار چىقىرىلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ جەنۋەدىكى ب د ت ئىشخانىسىدا رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ ۋە ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەۋاد زارىف بىلەن كۆرۈشىدۇ.

ب د ت سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى سىتاففان دې مىستۇرا رىياسەتچىلىك قىلىدىغان يىغىندا، ئاساسىي قانۇن كومىتېتى قۇرۇش توغرىسىدا قارار چىقىرىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

150 شەخستىن تەشكىل تاپىدىغان ئاساسىي قانۇن كومىتېتىدا ئەسەد ھۆكۈمىتى ۋە ئۆكتىچىلەر تەرىپىدىن بېكىتىپ بېرىلىدىغان كىشىلەردىن سىرت سۈرىيەلىك زىيالى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرىمۇ ئورۇن ئالىدۇ.

ئىستانبۇلدا بۇ يىل 27-ئۆكتەبىردە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان باشچىلىقىدا چاقىرىلغان سۈرىيە ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىدا تۈركىيە، رۇسىيە، گېرمانىيە ۋە فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئاساسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ 31-دېكابىرغىچە قۇرۇلۇشى توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر