گىرۇزىيەدە پىرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلمەكتە

گىرۇزىيەدە ئىككىنچى باسقۇچلۇق پىرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلمەكتە.

1096364
گىرۇزىيەدە پىرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بىرىنچى باسقۇچلۇقى 28 – ئۆكتەبىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنت سايلىمىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچلۇقى شۇ جاي ۋاقتى سائەت 8 دە باشلانغان بولۇپ، بېلەت تاشلاش چۈشتىن كېيىن سائەت 8 گىچە داۋاملىشىدىكەن. گىرۇزىيە مەركىزىي سايلام كومىتېتىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، دۆلەتتە تىزىمغا ئېلىنغان 3 مىليون 528 مىڭ 658 سايلىغۇچى بار بولۇپ،    سايلامنى 1300 خەلقئارالىق تەشكىلات كۆزەتمەكتە ئىكەن. بىرىنچى باسقۇچلۇق پىرېزىدېنت سايلىمىدا، ھۆكۈمەت قوللاۋاتقان مۇستەقىل نامزات سالومې زۇرابىشۋىلى % 38.64، ئۆكتىچىلەر قوللاۋاتقان نامزات گرىگول ۋاشازادە % 37.74 ئاۋازغا ئېرىشكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر