فلورىدا ئىشتاتىدا جۇمھۇرىيەتچىلەر ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى

ئامېرىكانىڭ فلورىدا ئىشتاتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئوتتۇرا مەزگىللىك كېڭەش پالاتا سايلىمىنىڭ نەتىجىسىدە ئۆزگىرىش بولدى.

1090452
فلورىدا ئىشتاتىدا جۇمھۇرىيەتچىلەر ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فلورىدا ئىشتاتىدا 6-نويابىر  ئۆتكۈۈلگەن ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلاملارنىڭ نەتىجىسىگە كۆرسىتىلگەن نارازىلىق سەۋەبىدىن بېلەتلەر  ئىككىنچى قېتىم قايتا سانالدى. ئىشتاتنىڭ ھازىرقى ۋالىيسى جۇمھۇرىيەتچى رىك سكوت تەخمىنەن 10 مىڭ ئاۋاز ئۈستۈنلۈك بىلەن 2001-يىلدىن تارتىپ كېڭەش پالاتاسىدا ئىشتاتقا ۋەكىللىك قىلىۋاتقان دېموكرات بىل نېلسوننىڭ ئالدىغا ئۆتتى.

بىل نېلسون تۋىتتېردا بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلدى. ئۇ: «ئىشلار بىز ئۈمىد قىلغاندىن بىر ئاز پەرقلىق بولدى، بىراق نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇتتۇرۇپ قويغانلىقىمنى ھېس قىلىۋاتىمەن» دېدى.

جۇمھۇرىيەتچى سكوتنىڭ غەلىبە قىلىشى بىلەن، فلورىدا ئىشتاتىنىڭ كېڭەش پالاتاسىدىكى ئىككى ئورنى بىر ئەسىردىن كېيىن، تۇنجى قېتىم جۇمھۇرىيەتچىلەرگە ئۆتتى.

پىرېزىدېنت دونالد ترامپ سكوتنى تۋىتتېردا تەبرىكلىدى. ئۇ: «دەسلەپتىن تارتىپلا رىك سكوت قەتئىي تەۋرەنمىدى. ئۇ ياخشى ۋالىي ۋە فلورىدا ئىشتاتىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ياخشى پالاتا ئەزاسى بولىدۇ. رىك سايلامدا مۇشۇنداق چوڭ خىزمەتلەرنى قىلغانلىقىڭ ئۈچۈن سېنى تەبرىكلەيمەن» دېدى.

سكوتنىڭ غەلىبە قىلىشى بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ كېڭەش پالاتاسىدىكى سانى 52 گە چىقتى، دېموكراتلارنىڭ سانى 47 دە قالدى.

ئاۋام پالاتاسىدا دېموكراتلار 233 ئورۇننى قولغا كەلتۈرۈپ ئۈستۈنلۈكىنى ساقلاپ قالدى. جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ ئاۋام پالاتاسىدىكى سانى 199 دا قالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر