خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتىنىڭ يېڭى باشلىقى سايلاپ چىقىلىدۇ

خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتى (INTERPOL)  نىڭ يېڭى باشلىقى ئەتە باشلىنىدىغان ئومۇمىي كېڭەش  سايلىمىدا سايلاپ چىقىلىدۇ.

1089788
خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتىنىڭ يېڭى باشلىقى سايلاپ چىقىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 18 – 24 – نويابىر كۈنلىرى دۇبەيدە ئۆتكۈزۈلىدىغان  خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتى (INTERPOL)  نىڭ 87 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىغا، تۈركىيەگە ۋەكالىتەن مۇئاۋىن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى مەھمەت ئەرسوي باشچىلىقىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى باش ئىدارىسى  خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتى ۋە ياۋروپا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتى باشقارمىلىرىنىڭ مەسئۇللىرىدىن تەشكىل تاپقان بىر ھەيئەت قاتنىشىدۇ.

دۆلىتىدە قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتىنىڭ سابىق باشلىقى خوڭ ۋېيمېڭنىڭ ئورنىغا سايلاپ چىقىلىدىغان باشلىقلىق ۋەزىپىسى ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلامدا، جەنۇبىي كورېيە، رۇسىيە ۋە جەنۇبىي ئافرىقىدىن نامزاتلار رىقابەتلىشىدۇ.

يىغىندا يەنە، كوسوۋو، ۋانۇئاتۇ ۋە كىرىباتىنىڭ خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتىغا ئەزالىق ئىلتىماسى ئاۋازغا قويۇلىدۇ.

بۇ دۆلەتلەرمۇ ئەزا بولغان تەقدىردە، ئەزالىرىنىڭ سانى 195 كە يېتىدىغان خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتى، ئەڭ چوڭ خەلقئارالىق تەشكىلاتقا ئايلىنىدۇ.

تۈركىيە ھەيئىتى، يىغىنغا قاتنىشىدىغان دۆلەتلەرگە، تۈركىيەنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى، پ ك ك ۋە دائېش قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرىشى ۋە كۆچمەن ئەتكەسچىلىكىگە تاقابىل تۇرۇش پائالىيەتلىرى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر