ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا جۇمھۇرىيەتچىلەر دېموكراتلارغا ئۇتتۇرۇپ قويدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئارا پالاتا سايلىمىدا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى يۇقىرى پالاتادىكى ئۈستۈنلۈكىنى ساقلاپ قالدى، ئاۋام پالاتاسىدىكى ئۈستۈنلۈكىنى بولسا دېموكراتلارغا تارتقۇزۇپ قويدى.

1083083
ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا جۇمھۇرىيەتچىلەر دېموكراتلارغا ئۇتتۇرۇپ قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا سايلىغۇچىلار ئاۋام پالاتاسىدىكى 435 ئورۇندۇقنىڭ ھەممىسى، يۇقىرى پالاتادىكى 100 ئورۇندۇقتىن 35 ى بەلگىلىنىدىغان ئارا سايلام ئۈچۈن بېلەت تاشلىدى.

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى يۇقىرى پالاتادىكى 100 ئورۇندۇقتىن 50 ئورۇندۇققا ئېرىشكەن. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىگە ئاساسەن، مۇئاۋىن پىرېزىدېنت مايك پېنس مۇئاۋىن يۇقىرى پالاتا باشلىقى دەپ قارىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەن. ئاۋام پالاتاسىدا بولسا دېموكراتلار 195 ئورۇندۇققا، جۇمھۇرىيەتچىلەر 181 ئورۇندۇققا ئېرىشكەن. ھازىرغىچە ئېلان قىلىنغان سايلام نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، دېموكراتلار جۇمھۇرىيەتچىلەردىن 24 ئورۇندۇققا ئېرىشكەن.

كالىفورنىيە ئىشتاتىدىن ئاۋام پالاتاسىغا تەكرار سايلانغان ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى دېموكرات نانسى پېلوسى بۇ ھەقتە توختالغاندا، مۇنداق دېدى: «بۇ دېموكراتلار ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر مەسىلىسى ئەمەس، ئەكسىچە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا ترامپ ھۆكۈمىتىگە قارشى ئاساسىي قانۇننى قايتىدىن ئىجرا قىلىش مەسىلىسىدۇر.»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپمۇ پېلوسىغا تېلېفون قىلىپ، دېموكراتلارنىڭ ئاۋام پالاتاسىدىكى غەلىبىسىنى تەبرىكلىدى.

ئۇ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، «بۇ ناھايىتى زور غەلىبە» دېدى. ئۇنىڭ ئاۋام پالاتاسىدا دېموكراتلارنىڭ ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەن بولۇشىغا قارىماي، سايلام نەتىجىلىرىنى «مۇۋەپپەقىيەت» دەپ ئاتىشى دىققەت قوزغىدى.

بۇ ئارىلىقتا، مىچىگان ۋە مىننېسوتا ئىشتاتلىرىدا سايلاملارغا قاتناشقان تېگى پەلەستىنلىك راشىدە تلەيب بىلەن تېگى سومالىلىق ئىلھان ئۆمەر، سايلامدا غەلىبە قىلىپ، ئاۋام پالاتاسىغا كىرگەن تۇنجى مۇسۇلمان ئايال پالاتا ئەزالىرى بولۇپ قالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر