ئامېرىكادا داڭلىق كىشىلەرگە گۇمانلىق بولاقلار ئەۋەتىلمەكتە

ئامېرىكادا سابىق مۇئاۋىن پىرېزىدېنت جو بايدىننىڭ ئۆيىگە گۇمانلىق ئىككى بولاق ئەۋەتىلدى.

1075974
ئامېرىكادا داڭلىق كىشىلەرگە گۇمانلىق بولاقلار ئەۋەتىلمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكادا مۇشۇ بىر ھەپتە ئىچىدە دېموكرات پارتىيەسىنىڭ مۇھىم كىشىلىرى ۋە س ن ن تېلېۋىزىيەسىگە ئەۋەتىلگەن گۇمانلىق بولاقلارغا ئوخشاش، سابىق مۇئاۋىن پىرېزىدېنت جو بايىدىنغىمۇ ئەۋەتىلدى.

ساقچى خادىملىرى جو بايدىنغا ئەۋەتىلگەن بولاقلاردىن بىرىنىڭ ۋاشىنگتون، يەنە بىرىنىڭ نىيۇ كاستىلدىكى پوچتىخانىلاردىن بايقالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

جو بايدىننىڭ ئۆيىگە ئەۋەتىلگەن بولاقلارنىڭ، ئامېرىكا سابىق پىرېزىدېنتلىرىدىن باراك ئوباما ۋە بىل كلىنتوننىڭ ئۆيى بىلەن، س ن ن نىڭ نىيۇ يوركتىكى ئىشخانىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن جايلارغا ئەۋەتىلگەن ۋە ئىچىدە پارتلىغۇچى ماددا بار بولاقلارغا چېتىشلىق ياكى چېتىشلىق ئەمەسلىكىنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى قەيت قىلىنماقتا.

پىرېزىدېنت دونالد ترامپ تۋىتتېردا بۇ ھەقتە ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا: «بۈگۈن جەمئىيىتىمىزدە كۆرۈلۈۋاتقان غەزەپنىڭ زور قىسمىغا، مەن <ساختا خەۋەرلەر> دېگەن چوڭ مېديانىڭ قەستەنلىك بىلەن تارقاتقان خاتا خەۋەرلىرى سەۋەب بولدى. بۇ غەزەپ، شۇنچىلىك نەپرەتكە تولغان ھالغا كەلدىكى، بۇنى چۈشەندۈرۈش مۇمكىن ئەمەس. چوڭ مېديا دەرھال خاتالىقىنى تۈزىتىشى كېرەك» دېدى.

مۇشۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا، ئەسلى ۋېنگىرىيەلىك مىلياردېر جورج سوروسنىڭ نىيۇ يوركتىكى ئۆيىگە ئەۋەتىلگەن بولاقتا پارتلىغۇچى ماددا بايقالغان ئىدى.

بىلدۈرۈلىشىچە، تۈنۈگۈن (25-ئۆكتەبىر) ئەتىگەن ئاكتىيور روبېرت دې نىرونىڭ نىيۇ يوركتىكى رېستورانىغا گۇمانلىق بىر بولاق ئەۋەتىلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر