تۇنىستا «ئېتنىك ئايرىمچىلىق» قانۇن تەكلىپى ماقۇللاندى

تۇنىس پارلامېنتى «ئېتنىك ئايرىمچىلىق» جىنايەت ھېسابلىنىدىغان قانۇن تەكلىپىنى ماقۇللىدى.

1066086
تۇنىستا «ئېتنىك ئايرىمچىلىق» قانۇن تەكلىپى ماقۇللاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۇنىس پارلامېنتنىڭ ئىنتېرنېت تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، قايسى خىلدىكىسى بولسا بولسۇن، پۈتكۈل «ئېتنىك ئايرىمچىلىق» قىلمىشلىرى جىنايەت ھېسابلىنىدىغان قانۇن تەكلىپى 1 گە قارشى 125 ئاۋاز بىلەن قوبۇل قىلىنغان، 5 كىشى ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەن.

11 ماددىدىن تەشكىل تاپىدىغان قانۇن تەكلىپىگە ئاساسەن، «ئېتنىك ئايرىمچىلىق» قىلمىشى سادىر قىلغۇچىلار قاماق ۋە ئىقتىسادىي جازاغا تارتىلىدىكەن.

«ئېتنىك ئايرىمچىلىق» قىلمىشلىرى دائىم يۈز بەرمىسىمۇ، پات – پات ئوتتۇرىغا چىقىپ قالىدىغان تۇنىستا، ئاۋغۇست ئېيىدا پىل چىشى ساھىلى پۇقراسى 8 كىشى ئېتنىك سەۋەبلەر تۈپەيلى ھۇجۇمغا ئۇچرىغانىدى.

|«تۇنىس ئاز سانلىقلارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغداش جەمئىيىتى» ۋەقەدىن كېيىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، پارلامېنتتىن «ئېتنىك ئايرىمچىلىق» قىلمىشلىرىنى جىنايەت ھېسابلاش نىشان قىلىنغان قانۇن تەكلىپىنى ماقۇللىشىنى تەلەپ قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر