ئىتالىيەدە خىرىستىيان راھىپلىرىنىڭ بەچچىۋازلىقلىرىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ۋاتىكاندا «ياشلار» تېمىلىق چىركاۋ يىغىنى باشلانغان كۈنى كونسىلازيون كوچىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا راھىپ ۋە پاپازلارنىڭ جىنسىي سۇيىئىستېمالىنىڭ قوربانى بولغان ھەر خىل ياشتىكى نۇرغۇن كىشى قاتناشتى.

1062392
ئىتالىيەدە خىرىستىيان راھىپلىرىنىڭ بەچچىۋازلىقلىرىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىرىستىيان دىنىي رەھبەرلىرىنىڭ جىنسىي سۇيىئىستېمالىنىڭ قۇربانلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان «پاپالارنىڭ جىنسىي سۇيىئىستېمالىغا خاتىمە بېرىش جەمئىيىتى» ۋە «سۇيىئىستېمال تورى ئاممىۋىي تەشكىتلاتلىرى» بىرلىكتە چىركاۋلاردىكى كىچىك بالىلارغا باسقۇنچىلىق قىلىش ۋەقەلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش ئۆتكۈزدى.

ۋاتىكاندا «ياشلار» تېمىلىق چىركاۋ يىغىنى باشلانغان كۈنى كونسىلازيون كوچىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا راھىپ ۋە پاپازلارنىڭ جىنسىي سۇيىئىستېمالىنىڭ قوربانى بولغان ھەر خىل ياشتىكى نۇرغۇن كىشى قاتناشتى.

نامايىشقا قاتناشقۇچىلار قوللىرىدا، «ئەپۇ قىلىش ۋە ئۆزرەخاھلىقلار ئەمدى يېتەر!»، «ئانتونىيو پىروۋولو ئىنستېتۇتىدىكى قۇربانلار ئۈچۈن تۆلەم تۆلەنسۇن!»، «پاپالىقنىڭ مەخپىيەتلىكىگە خاتىمە بېرىلسۇن!»، «خەلقئارالىق تەكشۈرۈش ۋە ئەدلىيە كومىتېتى قۇرۇلسۇن!»، «يەنە يۇشۇرۇپ كېتىۋەرمىسۇن!»، «يۈز - خاتىرەسىز ھەقىقەتنى تەلەپ قىلىمىز!»، «ئىتالىيە دۆلىتىنى مەسىلىگە دەرھال قول تىقىشىقا چاقىرىق قىلىمىز!»، «ئەشۇلارنىڭ قوغدىشى ئاستىدا ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، پەرزەنتلىرىڭلارنى قانداق جاسارەت بىلەن چىركاۋلارغا ئەۋەتىسىلەر؟!» ۋە «پاپالارنىڭ جىنسىي سۇيىئىستېمال جىنايەتلىرىگە دەرھال خاتىمە بېرىڭلار!» دەپ يېزىلغان لوزىنكىلارنى كۆتۈرۈپ چىقتى.

نامايىشقا ۋېرونادىكى ئانتونىيو پىروۋولو ئىنسىتېتۇتىدا 1950يىلدىن 1985يىلىغىچە يۈز بەرگەن گاس گاچىلارنى جىنسىي سۇيىئىستېمال قىلىش جىنايەتلىرىنىڭ قۇربانلىرىمۇ قاتناشتى.

«سۇيىئىستېمال تورى ئاممىۋىي تەشكىتلاتلىرى» باشلىقى ۋە «پاپالارنىڭ جىنسىي سۇيىئىستېمالىغا خاتىمە بېرىش جەمئىيىتى» ئەزاسى فىرانجىسكو زاناردى پاپا فىرانجىسجۇسقا گەپ قىلىپ يۈرگەننىڭ ئورنىغا خەلقنىڭ ئۆزى ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەكلىكى ھەققىدە ئالاھىدە چاقىرىقتا بولدى.

فىرانجىسكو زاناردى تۈنۈگۈن چاقىرغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، «يېقىنى 15 يىلدىن بۇيان ئىتالىيەدىكى چىركاۋلاردىلا كۆپىنچىسى مەخپىي تۇتۇلغان 300 باسقۇنچىلىق ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىنى بايقىدۇق» دېدى.

دۇنيانىڭ نۇرغۇنلىغان جايلىرىدا كاتولىك چىركاۋىغا تەۋە يۈز مىڭلىغان دىنىي زاتلىرى بار، كۆپلىگەن دۆلەتلەردە نۇرغۇن قېتىم راھىپلارنىڭ كىچىك بالىلارغا باسقۇنچىلىق قىلىش ۋەقەسى ئاخباراتلاردا كۈنتەرتىپكە كەلمەكتە.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كاتولىك چىركاۋلاردىكى كىچىك بالىلارغا باسقۇنچىلىق قىلىش ۋەقەسى ھەققىدە 2014– يىلى بىر دوكلات ئېلان قىلغان ئىدى.

دوكلاتتا، ۋاتىكاننىڭ ئۆزىگە تەۋە چىركاۋلار بار بولغان نۇرغۇن دۆلەتلەردە راھىپلار ھەققىدىكى باسقۇنچىلىق جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇپ، 10 مىڭلىغان كىچىك بالىنىڭ جىنسىي سۇيىئىستېمال قىلىنىشىغا كۆز يۇمغانلىقى ئەيىبلەنگەن ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر