پاپا راھىپلارنىڭ بەچچىۋازلىق شەرمەندىچىلىكلىرى ئۈستىدە توختالدى

كاتولىكلارنىڭ رۇھانىي رەھبىرى پاپا فىرانجىسجۇس راھىپلارنىڭ كىچىك بالىلارغا باسقۇنچىلىق قىلىش شەرمەندىچىلىكلىرى تۈپەيلىدىن چىركاۋلارنىڭ ئېتىبارى زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتتى.

1060604
پاپا راھىپلارنىڭ بەچچىۋازلىق شەرمەندىچىلىكلىرى ئۈستىدە توختالدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋاتىكاندا تەخمىنەن 100 گە يېقىن فىرانسىيەلىك راھىبلارغا نۇتۇق سۆزلىگەن پاپا فىرانجىسجۇس راھىپلارنىڭ بەچچىۋازلىق شەرمەندىچىلىكلىرىگە قاراتقان ھالدا، «چىركاۋلارنىڭ ئىتبارى بۇ شىددەتلىك شامالدا زىيانغا ئۇچرىدى» دېدى. 

پاپا فىرانجىسجۇس، «بۈگۈنكى كۈندە چىركاۋ شىددەتلىك ۋە ئۆزىگە زىت كېلىدىغان شاماللار سەۋەبىدىن ئېتىبارى زىيانغا ئۇچرىغان ئەھۋالدا تۇرماقتا. بولۇپمۇ بەزى ئەزالار ئۆتكۈزگەن قورقۇنچلۇق گۇناھلار تۈپەيلىدىن» دېدى.

دۇنيانىڭ نۇرغۇنلىغان جايلىرىدا كاتولىك چىركاۋىغا تەۋە يۈز مىڭلىغان دىنىي زاتلىرى بار، كۆپلىگەن دۆلەتلەردە نۇرغۇن قېتىم راھىپلارنىڭ كىچىك بالىلارغا باسقۇنچىلىق قىلىش ۋەقەسى ئاخباراتلاردا كۈنتەرتىپكە كەلمەكتە.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كاتولىك چىركاۋلاردىكى كىچىك بالىلارغا باسقۇنچىلىق قىلىش ۋەقەسى ھەققىدە 2014يىلى بىر دوكلات ئېلان قىلغان ئىدى.

دوكلاتتا، ۋاتىكاننىڭ ئۆزىگە تەۋە چىركاۋلار بار بولغان نۇرغۇن دۆلەتلەردە راھىپلار ھەققىدىكى باسقۇنچىلىق جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇپ، ئون مىڭلىغان كىچىك بالىنىڭ جىنسىي سۇيىئىستېمال قىلىنىشىغا كۆز يۇمغانلىقى ئەيىبلەنگەن ئىدى. 


 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر