باڭلادېش باش مىنىستىرى ئاراكانلىق مۇسۇلمانلار دۇچ كەلگەن زۇلۇمىنى ئاڭلاتتى

باڭلادېش باش مىنىستىرى شەيخ خەسىنە ب د ت ئومۇمىي كېڭەش يىغىنلىرىدا ئاراكانلىق مۇسۇلمانلار دۇچ كەلگەن زۇلۇمنى ئاڭلاتتى.

1058548
باڭلادېش باش مىنىستىرى ئاراكانلىق مۇسۇلمانلار دۇچ كەلگەن زۇلۇمىنى ئاڭلاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باڭلادېش باش مىنىستىرى شەيخ خەسىنە بىرما ھۆكۈمىتىنىڭ ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنى قايتۇرۇپ كېتىش توغرىسىدا بەرگەن ۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇرالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەسىنە ب د ت ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن ئىنسانىيلىققا قارشى جىنايەت سادىر قىلىشنىڭ ئوخشاش مەنىنى بىلدۈرىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن ب د ت دوكلاتلىرىدا ئاراكانلىق مۇسۇلمانلار دۇچ كەلگەن زۇلۇملارنىڭ تىلغا ئېلىنغانلىقىنى ۋە ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئېچىنىشلىق قىسمىتىدىن قاتتىق كۆڭلى يېرىم بولغانلىقىنى  ئېيتتى.

بىرما ھۆكۈمىتىنىڭ ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارغا بولغان مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلالمىغانلىقىنى ئېيتاق خەسىنە، بۇ كىرىزىسنى دەرھال تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

ب د ت تەرىپىدىن قۇرۇلغان خەلقئارا بىرما مۇستەقىل تەتقىقات ئورگىنى، بىرما ئارمىيە باش قوماندانلىق ئىشتابى باشلىقى مىڭ ئاڭ خلاڭ بولۇپ بەزى گېنېراللارنىڭ ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارغا ئىرقىي قىرغىنچلىق قىلىشى سەۋەبىدىن، خەلقئارا جىنايىي ئىشلار سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن سوتلىنىشىنى تەلەپ قىلىپ كەلمەكتە.

بىرمادا 1970-يىللاردىن بۇيان زۇلۇم ۋە سىستېمىلىق بېسىمغا ئۇچراپ كېلىۋاتقان ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپ قىسمى يۇرت-ماكانلىرىنى تاشلاپ ياقا-يۇرتلارغا كۆچۈپ كەتتى.

بىرمادا 1982-يىلى ماقۇللانغان بىر قانۇن بىلەن پۇقرالىق ھوقۇقىدىن ئايرىلىپ قالغان ئاراكانلىق مۇسۇلمانلار «دۆلەتسىز»ھېسابلىنىدۇ. ب د ت تەرىپىدىن «زۇلۇمغا ئۇچرىغان دىنى ئاز سانلىق توپلۇقى»دەپ قوبۇل قىلىنغان ئاراكانلىق مۇسۇلمانلار، ھەم زوراۋانلىققا ھەمدە قانۇنىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجىمائىي ئايرىمچىلىققا دۇچ كەلمەكتە.

ئاراكاندا 2012-يىلى بۇددىستلار بىلەن مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ كۆپ قىسمى مۇسۇلمان بولۇپ مىڭلارچە ئادەم قەتل قىلىنغاندىن سىرت، يۈزلەرچە ئۆي ۋە ئىش ئورنى كۆيدۈرۈپ تاشلاندى.

ئاراكاندىكى چېگرا ساقچى پونكىتلىرىغا  2017-يىلى 25-ئاۋغۇستتا قىلىنغان ھۇجۇملارنى باھانە قىلغان بىرما ئارمىيەسى بىلەن ئاشقۇن بۇددىستلار، بارلىق ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنى ھۇجۇم نىشانى قىلىپ 10 مىڭغا يېقىن كىشىنى قىرغىن قىلدى.

ئېتنىك قىرغىنچىلىققا ئايلىنىپ كەتكەن بۇ ھۇجۇملاردا 350گە يېقىن يېزا بىرما ئارمىيەسى ۋە ئاشقۇن بۇددىستلار تەرىپىدىن يوق قىلىندى، 700مىڭدىن ئارتۇق ئاراكانلىق مۇسۇلمان تاغلىق رايونلارغا، دەريا ۋە دېڭىز ئارقىلىق قوشنا دۆلەت باڭلادېشقا قېچىشقا مەجبۇر بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر