ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىشى ۋەقەسى يۈز بەردى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ مىسسورى ئىشتاتىدا كىچىك بىر ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ، ئىككى كىشى قازا قىلدى.
1054584
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، مىسسورى ئىشتاتىنىڭ فېستۇس شەھىرى ئايرودۇرۇمى ئەتراپىدا يۈز بەرگەن ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىدە ئاتا – بالا ئىككى كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، ئايروپىلاننىڭ تېخنىكىلىق كاشىلا سەۋەبىدىن چۈشۈپ كەتكەن بولۇش ئېھتىماللىقى بار بولۇپ، ۋەقەدىن كېيىن تەكشۈرۈش باشلانغان.