ئىسلام دۈشمەنلىكى بىلەن تونۇلغان ۋىلدېرستىن يەنە بىر شەرمەندىچىلىك

گوللاندىيەدە رادىكال ئوڭچى ئەركىنلىكلەر پارتىيەسى رەھبىرى گېرت ۋىلدېرس ئىسلامىي ئىپادىلەرنىڭ مەنئىي قىلىنىشى ئۈچۈن پارلامېنتقا قانۇن تەكلىپى سۇندى.

1053013
ئىسلام دۈشمەنلىكى بىلەن تونۇلغان ۋىلدېرستىن يەنە بىر شەرمەندىچىلىك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋىلدېرس پارلامېنتتا سۆزلىگەن شەرمەندىلەرچە نۇتۇقىدا، «دۆلىتىمىز ئىسلامدىن تازىلىنىشى لازىم. ئىسلام گوللاندىيەگە تەۋە ئەمەس. ئىسلام نەپرەت ۋە تېررورلۇق بىلەن باراۋەردۇر. يىللاردىن بۇيان ئىسلامنى چەكلەش ئۈچۈن ھېچقانداق خىزمەت قىلىنمىدى. شۇڭا گوللاندىيەدە ئىسلامىي ئىپادىلەرنىڭ مەنئىي قىلىنىشى ئۈچۈن قانۇن تەكلىپى سۇنىمەن» دېدى.

ۋىلدېرس بۇنىڭ غەرب دۆلەتلىرىدە تۇنجى ئىش بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «جامىلەر ۋە ئىسلامي مەكتەپلەر تاقالسۇن، قۇرئان بىلەن ھىجاپ چەكلەنسۇن. باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ بۇنى ئۈلگە ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.

پارلامېنتتىكى باشقا پارتىيەلەرنىڭ رەھبەرلىرى بولسا، ۋىلدېرسقا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، بۇنداق قانۇننىڭ گوللاندىيە ئاساسىي قانۇنىدا كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان دىنىي ئەركىنلىكلەرگە زىت ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

دەنك پارتىيەسى پارلامېنت گۇرۇپپا باشلىقى تۇناخان قۇزۇ ۋىلدېرسقا تولىمۇ ئىچىدىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ۋىلدېرسنىڭ 14 يىلدىن بۇيان ئوخشاش گەپ ۋە ئوخشاش ئىشلارنى قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، يەنە 14 يىل داۋاملاشتۇرغان تەقدىردىمۇ ھەر دائىم ئۇنىڭغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

تۇناخان قۇزۇ: «ۋىلدېرسنىڭ سىياسىي ئۆتمۈشى قان بىلەن تولغان. يېقىنقى 14 يىلدا جامىلەرگە قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملار ۋە مۇسۇلمانلارغا سىلىنىۋاتقان تەھدىتلەرگە ئوخشاش ئىرقىي ئايرىمچىلىق ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى نەپرەت يۇقىرى ئۆرلىدى. 2011يىلىدا ئېلىپ بېرىلغان بىر تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، رادىكال ئوڭچى ئەركىنلىكلەر پارتىيەسى «PVV» ئەزالىرىنىڭ %25 دېگۈدەك مەقسەتلىرىگە يېتىش ئۈچۈن زورۋانلىققا قىلىشقا تەييار» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر