باسقۇنچىلىق بىلەن ئەيىبلەنگەن راھىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالدى

فىرانسىيەنىڭ روئېن شەھىرىدە باسقۇنچىلىق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن راھىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى.

1053076
باسقۇنچىلىق بىلەن ئەيىبلەنگەن راھىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لېفىگارو گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەردە، باسقۇنچىلىق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن 38 ياشلىق جېن باپتېست سېب ناملىق راھىپنىڭ ېىركاۋدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خەۋەردە، بىر ئايالنىڭ چېىركاۋنىڭ باش راھىپىغا ئەرز سۇنۇپ، جېن باپتېست سېب ئىسىملىك راھىپنىڭ قىزىغا باسقۇنچلىق قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى قەيت قىلىندى.

فىرانسىيەنىڭ روئېن شەھىرى مۇپەتتىشى ئېتېننە تېفرىي ئاخباراتچىلارغا ئېلان قىلغان باياناتىدا، راھىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغاندىن كېيىن، باسقۇنچىلىق ۋەقەلىرىنىڭمۇ ئوتتۇرىغا چىقققانلىقىنى ئېيتتى.

فىرانسىيەدە لىيون كاتولىك چېركاۋى باش راھىپى پىللىپ بارانىڭ باسقۇنچىلىق ۋە جىنسىي جىنايەتلەرنى يوشۇرغانلىقى بىلەن ئەيىبلىنىپ سوت قىلىنىشى داۋاملاشماقتا.

باش راھىپ باربار بىلەن يەنە 6 كىشى بىرلىكتە سوت قىلىنىۋاتقان دېلونىڭ كېلەر قېتىملىق سوتى 2019يىلى دېكابىردا ئېچىلىدۇ.

فىرانسىيەدە باسقۇنچى پوپلارنى سوتقا تاپشۇرۇش ۋە ۋەزىپىسىگە خاتىمە بېرىشنىڭ ئورنىغا، ئافرىقا دۆلەتلىرىگە ۋەزىپىگە تەيىنلىنىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، خەلقنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچرىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر