ئاۋسترىيەدە ئاشقۇن ئىرقچىلىق ۋەقەلىرى ئەۋج ئالماقتا

ئاۋسترىيەدە بۇ يىل ئىچدىلا 335 ئاشقۇن قىلمىش يۈز بەرگەن.

1043318
ئاۋسترىيەدە ئاشقۇن ئىرقچىلىق ۋەقەلىرى ئەۋج ئالماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاشقۇن ئىرقچىلىق قىلمىشلىرى كۈندىن-كۈنگە ئەۋج ئېلىۋاتقان ئاۋسترىيەدە بۇ يىل ئىچىدىلا 335 ئاشقۇن قىلمىش سادىر بولدى.

ئىجتىمائىي دېموكراتچىلار پارتىيەسى باياناتچىسى سابىنە سىچاتىزنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، بۇ يىل ئىچىدىلا 335 ئاشقۇن قىلمىش يۈز بەرگەنلىكىنى، بۇلارنىڭ ئىچىدە 95نىڭ ئىرقچىلىق، 29نىڭ يەھۇدىيلارغا قارشى ، 9نىڭ بولسا ئىسلامغا قارشى سادىر قىلىنغان ۋەقەلەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مىنسىتىرلىق يەنە ئاۋسترىيەدە 1947-يىلدىن بۇيان ئىجرا قىلىپ كېلىنىۋاتقان ناتسىست دۇنيا قارىشىنىڭ تارقىلىشىنى چەكلەيدىغان قانۇنغا زىت بولغان 409 ۋەقە يۈز بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئىجتىمائىي دېموكراتچىلار پارتىيەسى باياناتچىسى سىچاتىز ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان مەلۇماتلارنىڭ تولىمۇ قورقۇنچلۇق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، يېقىنقى ئۈچ يىلدا ئاشقۇن ئىرقچىلىق قىلمىشلىرىنىڭ كۆرىنەرلىك ئاشقانلىقىنى ئېيتتى.

ئاشقۇن ئىرقچىلىق قىلمىشلىرىنىڭ ئەڭ كۆپ ئاۋسترىيەنىڭ يۇقىرى قىسمىدا يۈز بەرگەنلىكىنى ئېيتقان باياناتچى سىچاتىز، ئاۋسترىيەنىڭ تۆۋەن قىسمىدا بولسا يەھۇدىيلارغا قارشى قىلمىشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

باياناتچى سىچاتىز ھۆكۈمەتنىڭ ئاشقۇن قىلمىشلارنىڭ ئالدىنى ئالمايۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ: بۇ مەلۇماتلار كىشىنى ھەقىقەتەن ئويغا سالىدۇ. ھۆكۈمەت بۇ ئىرقچىلىق ۋەقەلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەك، دېدى.

ئاۋسترىيە باش مىنىستىرى سېباستىيان كۇرزنىڭ ئۆتكەن ھەپتە گېرمانىيەنىڭ چېمنىتىز رايونىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەن باياناتچى سىچاتىز، بۇنىڭغا ئوخشاش ۋەقەلەرنىڭ ئاۋسترىيەنىڭ باشقا جايلىرىدا يۈز بەرمەسلىكى ئۈچۈن ھۆكۈمەتنىڭ قانداق تەدبىرلەرنى ئالغانلىقىنى سورىدى.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاۋسترىيەدە 2017-يىلى 660 ئاشقۇن قىلمىش يۈز بەرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر