قازى ئەسكەر: تېھران بىلەن رىياد ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلىرىنى سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلالايدۇ

ئىراننىڭ دىنىي لىدىرى ئەلى خامەنېينىڭ ۋەكىلى قازى ئەسكەر، ئىران بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۇسۇلى بىلەن ھەل قىلالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1038098
قازى ئەسكەر: تېھران بىلەن رىياد ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلىرىنى سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلالايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران ھاجىلىرى مەسئۇلى ۋە دىنىي لىدىر ئەلى خامەنېينىڭ ۋەكىلى ئەلى قازى ئەسكەر، ئىران بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ رايوننىڭ ئىككى چوڭ دۆلىتى ئىكەنلىكىنى، ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈش يولى بىلەن ھەل قىلىشلىرىنىڭ مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەلى قازى ئەسكەر مەككەئى مۇكەررەمەدە ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ھەج مۇناسىۋىتى بىلەن كۆرۈشكەن سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئەمەلدارلار بىلەن ئىجابىي شۇنداقلا پايدىلىق ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ، ئىككى دۆلەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ھەج خىزمەتلىرى يىغىنىدا ئۇچرىشىشقا مەجبۇر بولۇپ قالغانلىقىغا ئىشارەت قىلغاندىن كېيىن سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، سىياسىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش بويىچە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشلىرىنىڭ مۇمكىنلىكىنى قەيت قىلدى.

«دۈشمەنلىك ۋە ئاداۋەت» نىڭ ئىران بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاننى «رايونغا ئالاقىدار نىشانلىرىغا يەتكۈزمەيدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن قازى ئەسكەر، دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى پىتنىسى ئوتتۇرا شەرقنى تەسىرى ئاستىغا ئېلىۋالغان مۇشۇنداق بىر پەيتتە «تېخىمۇ ئۇلۇغۋار نىشانلارنىڭ كويىغا كىرىش» ۋە قوشنا دۆلەتلەر بىلەن رايون خاراكتېرلىك بىرلىك ئورنىتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ، سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئەمەلدارلارنىڭ ھەج پەرزىنى ئادا قىلشى ئۈچۈن كەلگەن زىيارەتچىلەرگە يىلسېرى ياخشى شارائىتلارنى تەييارلاپ بەرگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ يەنە، سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئەمەلدارلار يارىتىپ بەرگەن ئىرانلىق ھاجىلارنىڭ ۋىزىسىنىڭ بېرىلىشى، قاتناش مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشى، بېرىش – كېلىش ئىشلىرىنى راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمە قولايلىقلارنى بۇنىڭغا مىسال قىلىپ كۆرسەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر