ئاقساراينىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ئاقساراينىڭ ئالدىدا ئىرقچىلار بىلەن ئۇلارغا قارشى كىشىلەر نامايىش ئۆتكۈزدى.

1030886
ئاقساراينىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىنىڭ شارلىتسۋىل (Charlottesville) شەھىرىدە بۇلتۇر يۈز بەرگەن ئىرقچىلىق نامايىشنىڭ 1-يىللىقىدا پايتەخت ۋاشىنگىتون ئىككى بۆلۈندى.  

ئاشقۇن نامايىشلارنى قوللىغۇچىلار بىلەن ئۇلارغا قارشى چىققۇچىلار ئاقساراينىڭ ئالدىغا يىغىلدى.

بۇلتۇر ۋىرجىنيا ئىشتاتىغا قاراشلىق شارلىتسۋىل شەھىرىدە ئاق تەنلىكلەرنىڭ ئۈستۈن ئىرق ئىكەنلىكىنى ياقلاپ ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلار بۇ يىل ۋاشىنگىتونغا كېڭەيدى.

ئاشقۇن ئىرقچى نامايىشچىلارغا قارشى بىر تۈركۈم كىشى  «نەپرەت يوق»دېگەن شوئار ئاستىدا نامايىش ئۆتكۈزدى.

ئىككى گۇرۇپپا ئاقساراينىڭ ئالدىغا يىغىلدى.

ساقچىلار نامايىشچىلارنى تارقىتۋەتمەكچى بولدى.

بۇلتۇر شارلىتسۋىلدىكى نامايىشلارنى تەشكىللىگەن كىشىنىڭ ئاقساراينىڭ ئالدىغا كېلىشى ۋەزىيەتنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋەتتى.

شارلىتسۋىلدا 1 يىل ئىلگىرى ئاق تەنلىكلەرنىڭ ئۈستۈن ئىرق ئىكەنلىكىنى ياقلاپ ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلار ئەسناسىدا مەيدانغا كەلگەن توقۇنۇشلاردا بىر كىشى ئۆلۈپ، 30دىن ئارتۇق كىشى يارىلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر