ترامپنىڭ سابىق ياردەمچىسى ترامپنى ئىرقچىلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى

دونالد ترامپنىڭ سابىق ياردەمچىلىرىدىن ئوماروسا نېۋمەن دونالد ترامپنى ئىرقچىلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى.

1030572
ترامپنىڭ سابىق ياردەمچىسى ترامپنى ئىرقچىلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ بۇرۇن قول ئاستىدا ئىشلىگەن كىشىلەردىن ئوماروسا نېۋمەن دونالد ترامپنى ئىرقچىلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى.

ئاقساراي كۈنلىرىنى «تەڭپۇڭسىزلىق»ناملىق كىتابتا يېزىپ چىققان ئوماروسا نېۋمەن، دونالد ترامپنى ئىرقچىلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ، ترامپنىڭ ئەقلىي-ھوشىنى بارغانچە يوقىتىپ قويۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

كىتابىدا دونالد ترامپنى «ئىرقچى»دەپ تەرىپلىگەن نېۋمەن، ئۇنىڭ ئافرو-ئامېرىكىلىقلار ئۈچۈن «زەڭگى»دېگەن ئىبارىنى نۇرغۇن قېتىم ئىشلەتكەنلىكىگە شاھىت بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

نېۋمەن يەنە دونالد ترامپنىڭ مەسلىھەتچىلىرىدىن كېللىييانې كونۋېينىڭ فىلىپپىنلىق يولدېشى ئۈچۈنمۇ نۇرغۇن قېتىم بولمىغۇر ئىبارىلەرنى ئىشلەتكەنلىكىنى يازدى.

دونالد ترامپنىڭ «ئەقلىي-ھوشىنىڭ بارغانچە ناچارلىشىۋاتقانلىقىنى»ئىلگىرى سۈرگەن نېۋمەن، بىر يىغىندا دونالد ترامپنىڭ ئاچچىقىدىن قەغەز چايناۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

نېۋمەن كىتابىدا 2017-يىلى دېكابىردا ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغاندىن كېيىن دونالد ترامپ توغرىسىدا گەپ قىلماسلىق ئۈچۈن ئۆزىگە ئايدا 15مىڭ دوللار تەكلىپ قىلىنغانلىقىنى، لېكىن ئۆزىنىڭ بۇنى قەتئىي رەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

دونالد ترامپ نېۋمەننىڭ بۇ سۆزلىرىگە دەرھال ئىنكاس قايتۇردى.

نېۋمەننى يالغان ئېيتىش بىلەن ئەيىبلىگەن دونالد ترامپ، نېۋمەننى« يالاڭتۆش» دەپ ھاقارەتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر