ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئېمبارگو ھەققىدە مەلۇمات بەردى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى، دونالد ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرانغا قارشى قاتتىق شەكىلدە يۈرگۈزىدىغان ئېمبارگولارنىڭ ئىران ئىقتىسادىغا چوڭ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1027130
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئېمبارگو ھەققىدە مەلۇمات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل ئەمەلدارلىرى پىرېزىدېنت ترامپ ئىران بىلەن يادرو كېلىشىمىدىن ئۆز ئالدىغا چېكىنگەندىن كېيىن، بۈگۈن (7-ئاۋغۇست) ئەنقەرە ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 07:00، ئۈرۈمچى ۋاقتى 10:00 دا ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان ئېمبارگولارنىڭ بىرىنچى باسقۇچى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

«بۇ ئېمبارگولارنىڭ پۇل-مۇئامىلە نۇقتىسىدىن ئىران ئىقتىسادىغا قاتتىق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىغا ھېچقانداق گۇمان يوق» دېگەن مەسئۇل ئەمەلدارلار، مەقسەتلىرىنىڭ ئىراندا ھېچقانداق ھاكىمىيەت ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ھالدا: «ئىراننىڭ پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتىشىنى كۈتىمىز، نىشانىمىز تۈزۈم ئۆزگەرتىش ئەمەس» دېدى.

مەسئۇل ئەمەلدارلار ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قارشى يولغا قويغان ئېمبارگولار توغرىسىدا ئوتتۇرىغا چىققان «دۇنياۋى بىرلەشمە ھاسىل قىلالمىدى» دېگەن تەنقىدلەر ئۈستىدە توختالدى ۋە مۇنداق دېدى:

«ئىراننىڭ يامان نىيەتلىك پوزىتسىيەسىگە قارشى دۇنياۋى بىرلەشمە ھاسىل قىلىشقا تىرىشىۋاتىمىز. شۇنى ئوچۇق ئېيتالايمىزكى، ھوقۇقلىرىمىزدىن تولۇق پايدىلىنىپ، بۇ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك پىرېزىدېنت قارارىنى قاتتىق ئىجرا قىلمىز. باشقا دۆلەتلەر بىلەنمۇ بۇنى ئىجرا قىلىشلىرى ئۈچۈن سۆھبەت ئۆتكۈزىمىز. بىراق، ھېچكىم ھوقۇقلىرىمىزدىن تولۇق پايدىلىنىدىغانلىقىمىزدىن قىلچە گۇمان قىلمىسۇن.»

2015-يىلى ئىيۇلدا 20 ئاي داۋاملاشقان مۇزاكىرەلەر نەتىجىسىدە، ئىران بىلەن ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا بەش دۆلەت (ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، رۇسىيە، خىتاي) ۋە گېرمانىيەدىن تەشكىل تاپقان ئالتە دۆلەت ئوتتۇرىسىدايادرو كېلىشىمى ئىمزالانغان ئىدى.

كېلىشىم بويىچە، تېھراننىڭ يادرو پىروگراممىسىنى ئاخىرلاشتۇرۇش بەدىلىگە، يولغا قويۇلۇۋاتقان خەلقئارالىق ئېمبارگولار ئەمەلدىن قالدۇرۇلاتتى.

بىراق، 2018-يىلى ماي ئېيىدا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ يادرو كېلىشىمىدىن ئۆز ئالدىغا چېكىنگەندىن كېيىن، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى ئىرانغا 90 كۈنلۈك ۋە 180 كۈنلۈك ئىككى باسقۇچ بىلەن يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر