رۇسىيە بىلەن ئۆكتىچىلەر ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان مۇزاكىرەلەردىن نەتىجە چىقمىدى

سۈرىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى دەرئا ۋە كۇنەيترا ۋىلايەتلىرىدە كەڭ كۆلەمدە ئۇرۇش توختىتىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن رۇسىيە بىلەن ئۇرۇش توختىتىش مۇزاكىرەلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقان قوراللىق ئۆكتىچىلەر ئوتتۇرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىنالمىدى.

1006211
رۇسىيە بىلەن ئۆكتىچىلەر ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان مۇزاكىرەلەردىن نەتىجە چىقمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  دەرئادىكى قوراللىق ئۆكتىچىلەرنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن رۇسىيە ھەيئىتى دەرئادا كۆرۈشۈپ، دەرئا بىلەن كۇنەيترادا ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىشنىڭ شەرتلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى. مۇزاكىرە ھەيئىتى دەرئادا رۇسىيە بىلەن بولغان كۆرۈشۈشلەردە نەتىجە ئېلىنمىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ھەيئەت رۇسىيەنىڭ ئۆكتىچىلەرنىڭ قولىدىكى بارلىق ئېغىر تىپلىق قوراللارنى بىرلا ۋاقىتتا تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلمىغانلىقىنى، بىراق يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلغان پۇقرالارنىڭ يۇرتلىرىغا قايتىشىنى ۋە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى گۇرۇپپىلارنىڭ 10-ئىيۇندىن كېيىن دەرئادا قولغا كىرگۈزۈۋالغان جايلاردىن چېكىنىش تەلىپىنى قوبۇل قىلمىغانلىقى سەۋەبىدىن كېلىشىم ھاسىل قىلىنمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلغان پۇقرالارنىڭ يۇرتلىرىغا قايتىشىنى ۋە تۈرمىگە قامالغانلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان ئۆكتىچىلەر، ئۇرۇش توختىتىش ئەمەلگە ئاشقان ئەھۋالدا قوللىرىدىكى ئېغىر تىپلىق قوراللارنى باسقۇچقا بۆلۈپ تاپشۇرۇشنى قوبۇل قىلغان ئىدى.

ئۆكتىچىلەرنىڭ رۇسىيە بىلەن 30-ئىيۇن (شەنبە) ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشى نەتىجىسىز ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، بىراق مۇزاكىرەلەرنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلاردا قايتىدىن ئۆتكۈزۈلۈشى كۈتۈلمەكتە.

بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى 10-ئىيۇندىن باشلاپ  سۈرىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان دەرئانىڭ بەزى جايلىرىنى قولغا كىرگۈزۈۋالغان ئىدى. 20-ئىيۇندا بولسا، رۇسىيەنىڭ ھاۋا ياردىمى ئاستىدا ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقىدىكى جايلارنى تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن ھەربىي ھەرىكەت باشلىغان ئىدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا قاراشلىق دۇنيا يېمەك-ئىچمەك پىروگراممىسى (WFP) نىڭ باياناتچىسى بېتتىنا لۇسچېر دەرئادا 270 مىڭدىن 330 مىڭغىچە كىشىنىڭ يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، دەرئادىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان كىشىلەرنىڭ ئىيوردانىيە چېگراسى ۋە گولان ئېگىزلىكىگە ئوخشاش نىسپىي بىخەتەر رايونلارغا قاچقانلىقىنى قەيت قىلغان ئىدى.

دەرئا بىلەن كۇنەيترا 2017-يىلى ماي ئېيىدا ئاستانا مۇساپىسىنىڭ كاپالەت بەرگۈچى دۆلەتلىرى بولغان تۈركىيە، ئىران ۋە رۇسىيە تەشكىل قىلغان تۆت دانە جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش رايونى ئىچىدە ئىدى. رۇسىيە، ئامېرىكا ۋە ئىيوردانىيە ئارىدىن ئىككى ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، دەرئا بىلەن كۇنەيترانى ئالاھىدە كېلىشىم ئىچىگە كىرگۈزگەن، ئامېرىكا بولسا رايوندا قوللاۋاتقان ئۆكتىچىلەرگە ياردەم قىلىشنى توختاتقان ئىدى.

ب د ت دائىرىلىرى دەرئادا 750 مىڭ كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقلىرىنى پات-پات تىلغا ئالماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر