گانادا يۈز بەرگەن سۇ ئاپىتى نۇرغۇن كىشىنىڭ جېنىغا زامېن بولدى

غەربىي ئافرىقا دۆلىتى گانادا يۈز بەرگەن سۇ ئاپىتى 12 كىشىنىڭ جېنىغا زامېن بولدى.

1006006
گانادا يۈز بەرگەن سۇ ئاپىتى نۇرغۇن كىشىنىڭ جېنىغا زامېن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گانا  جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزىنىڭ ئاشانتى رايونلۇق ماسلاشتۇرغۇچىسى جوزېف ئاسسۇمىڭنىڭ ئېيتىشىچە، بوسوۋىتمې شەھىرىدە ئۇدا ئىككى كۈندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان قارا يامغۇر سۇ ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، سۇ ئاپىتىدە 12 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، ئېغىر ماددىي زىيان كېلىپ چىققان، نۇرغۇن كىشىدىن خەۋەر ئېلىنالمىغان.

ئىگىلىنىشىچە، رايوندا ئىزدەش - قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى  داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، گانادا يېقىنقى ئىككى ھەپتىدىن بۇيان يۈز بەرگەن سۇ ئاپەتلىرىدە كەم دېگەندە 25 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر