مالىدا يوقاپ كەتكەن مىنىبۇستىكىلەر ئۆلۈك ھالەتتە تېپىلدى
ئافرىقا دۆلىتى مالىنىڭ تىمبۇكتۇ شەھىرىنىڭ شىمالىدا چۆلدە يوقاپ كەتكەن بىر مىنىبۇستىكى 17 كىشى ئۆلۈك ھالەتتە تېپىلدى.
1005530
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مالى تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مىنىبۇس 21 – ئىيۇن كۈنى ئالجىرىيەدىن ئايرىلىپ، تىمبۇكتۇغا قاراپ يولغا چىققان بولۇپ، ئادەتتە مىنىبۇس ئىككى كۈن ئىچىدە تىمبۇكتۇغا يېتىپ بارىدىكەن.
4 ى بالا، 6 سى ئايال بولۇپ، جەمئىي 17 كىشى ئولتۇرغان مىنىسبۇتىن ئۇدا بىرقانچە كۈن خەۋەر ئېلىنالمىغان، شۇنىڭ بىلەن، مىنىبۇستىكىلەرنىڭ ئالجىرىيەدىكى يېقىن – يورۇقلىرى ھەرىكەتكە ئۆتكەن.
ئىزدەش داۋامىدا مىنىبۇستىكىلەر تىمبۇكتۇنىڭ 130 كىلومېتىر شىمالىدا ئۆلۈك ھالەتتە تېپىلغان بولۇپ، شوپۇرنىڭ چۆلدىكى قۇم بورىنى سەۋەبىدىن يولدىن ئادىشىپ قالغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا ئىكەن.