غەززە چېگراسىدا ئەردوغاننىڭ غەلىبىسى تەبرىكلەندى

پەلەستىنلىكلەر غەززە چېگراسىدا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ 24 – ئىيۇندىكى سايلاملاردا قولغا كەلتۈرگەن غەلىبىسىنى تەبرىكلىدى.

1002861
غەززە چېگراسىدا ئەردوغاننىڭ غەلىبىسى تەبرىكلەندى
gazze siniri erdogan kutlamasi1.jpg

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەززەنىڭ ئىسرائىلىيە چېگراسىغا توپلاشقان بىر گۇرپپا پەلەستىنلىكلەر قوللىرىدا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەسىملىرىنى ۋە تۈركىيە بايرىقىنى كۆتۈرۈشكەن ھالدا تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. 

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ سايلامدىكى غەلىبىسىنى تەبرىكلىگەن پەلەستىنلىكلەر ئەردوغاننى مەدھىيەلەپ شوئارلارنى توۋلىدى.

پەلەستىنلىك 20 ياشلىق ئەمىن سەلىم پەلەستىن خەلقىگە ۋە پەلەستىنگە قىلغان ياردىمى ئۈچۈن رەخمەت ئېيتىدىغانلىقىنى ۋە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئىپتىخارلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەمىن سەلىم: «پەلەستىن مەسىلىسىگە توتقان پوزىتسىيەسى سەۋەبىدىن ئەردوغاننى ئىنتايىن ياخشى كۆرىمىز. ئۇنىڭغا مەدھىيە ئوقۇيمىز. بىزنى ئۆلتۈرگەن ۋە ئۆيلىرىمىزنى چىقىپ تاشلىغان ئىسرائلىيەنىڭ زۇلمىغا قارشى بىز تۈركلەر بىلەن بىر يۈرەك بولىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر