پەلەستىنلىكلەرنى قوغداش لايىھەسى ئاۋازغا قويۇلىدۇ

پەلەستىنلىكلەرنى خەلقئارالىق قوغداش ئاستىغا ئېلىشنى تەلەپ قىلغان لايىھە، بۈگۈن (1-ئىيۇن) ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئاۋازغا قويۇلىدۇ.

983527
پەلەستىنلىكلەرنى قوغداش لايىھەسى ئاۋازغا قويۇلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىنلىكلەرنى خەلقئارالىق قوغداش تەدبىرلىرى تەلەپ قىلغان لايىھە، بۈگۈن ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئاۋازغا قويۇلىدۇ.

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ۋاقىتلىق ئەزالىرىدىن كۈۋەيت تەرىپىدىن كېڭەشكە سۇنۇلغان ۋە تەخمىنەن ئىككى ھەپتىدىن بۇيان "سودىلىق" قىلىنىۋاتقان لايىھەنىڭ تۈنۈگۈن (31-ماي) ئاۋازغا قويۇلۇشى پىلان قىلىنىۋاتاتتى.

دىپلوماتىك مەنبەلەر كۈۋەيتنىڭ ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن لايىھەنىڭ تىلى ۋە بەزى ئىپادىلەشلەرنى ئۆزگەرتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە رەت قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ۋە ھەر قېتىملىق مۇنبەردە ئىسىرائىلىيەنى قوغداپ كېلىۋاتقان ئامېرىكا، بارلىق ئۆزگەرتىشلەرگە قارىماستىن لايىھەنى رەت قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر