باش راھىپنىڭ بالىلارغا باسقۇنچىلىق قىلىش جىنايەتلىرىنى يوشۇرغانلىقى ئىسپاتلاندى

باش راھىپ ۋىلسون ھانتېر رايونى راھىپى جىم فلېتچېرنىڭ كىچىك بالىلارغا 9 ئوخشاش بولمىغان شەكىلدە باسقۇنچىلىق قىلىش جىنايىتىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنغانلىقى ئۈچۈن جازالىنىدىغان بولدى.

976727
باش راھىپنىڭ بالىلارغا باسقۇنچىلىق قىلىش جىنايەتلىرىنى يوشۇرغانلىقى ئىسپاتلاندى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاۋستىرالىيەنىڭ يېڭى جەنۇبىي گاللېر ئۆلكىلىك «Newcastle» يەرلىك سوت مەھكىمىسى ئەدېلايد شەھىرى باش راھىپى پىلىپ ۋىلسوننىڭ كىچىك بالىلارغا باسقۇنچىلىق قىلىش جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇپ قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقتى.

«Newcastle» يەرلىك سوت مەھكىمىسى 1970يىلى سىدنېيگە تەۋە ھانتېر رايونىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن راھىپ جىم فىلېتچېرنىڭ كىچىك بالىلارغا باسقۇنچىلىق قىلىش جىنايىتىنى يوشۇرۇش بىلەن ئەيىبلىنىپ، سوتغا تارتىلغان دېلودا 67 ياشلىق باش راھىپ ۋىلسوننىڭ جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكى مۇقىملاشتۇرۇلدى.

گەرچە باش راھىپ ۋىلسون ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلغان بولسىمۇ، مۇپەتتىش روبېرت ۋە سودىيە ستون ئۇنىڭ ئۆزىنى ئاقلاش ئۈچۈن كۆرسەتكەن پاكىتلىرىنىڭ يېتەرلىك بولمىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلدى. ئادۋوكاتلىرىنىڭمۇ ئۇنىڭ ھەققىدىكى ئەيىبلەشلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، قويۇپ بېرىلىشى ھەققىدىكى تەلەپلىرى رەت قىلىندى.

باش راھىپ ۋىلسون كاپالەت بىلەن قويۇپ بېرىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭغا بېرىلىدىغان جازا 19ئىيۇندا ئېلان قىلنىدۇ.

باش راھىپ ۋىلسوننىڭ ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ 2 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە. 

ھانتېر رايونى راھىپى جىم فلېتچېر 2004يىلى كىچىك بالىلارغا 9 ئوخشاش بولمىغان باسقۇنچىلىق جىنايىتى بىلەن قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ۋە 2006 - يىلى تۈرمىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.

ھانتېر رايونى راھىپى جىم فلېتچېرنىڭ قۇربانلىرىدىن پېتېر كىرىخ سوت مەھكىمىسىگە بەرگەن باياناتىدا باسقۇنچىلىققا ئۇچراپ 5 يىلدىن كېيىن، 15 ياشقا كىرگەن چېغىدا بولغان ئەھۋاللارنى باش راھىپ پىلىپ ۋىلسونغا ئېيتىپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر