پەلەسىتنلىكلەر ئەردوغانغا رەھمەت ئېيتتى

پەلەستىننىڭ كولومبىيەدىكى دىپلوماتىك ۋاكالەتخانىسىنىڭ سىياسىي ئىشلار مەسلىھەتچىسى كارلوس مونتېرو پەلەسىتنلىكلەرنىڭ جەسۇر ۋە ئادىل قارارلىرى تۈپەيلى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاندىن ئىنتايىن مىننەتدار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

974059
پەلەسىتنلىكلەر ئەردوغانغا رەھمەت ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مونتېرو تۈركىيە خەلقىنىڭ پەلەسىتنلىكلەرنىڭ قېرىندىشى ئىكەنلىكىنى، ئەنقەرەنىڭ پەلەسىتن خەلقىنى باغرىغا بېسىشىنىڭ تۈركىيەنىڭ پەلەستىن بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىشىدە تۈرتكىلىك رول ئويناۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

تۈركىيەنىڭ خەلقئارا قانۇنغا، بولۇپمۇ ئىسرائىلىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنىۋاتقان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قارارلىرىغا ماس ھالدا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن مونتېرو مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «پەلەسىتنلىكلەر جەسۇر ۋە ئادىل قارارلىرى تۈپەيلى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاندىن ئىنتايىن مىننەتدار ھەم ئەردوغانغا كۆپتىن- كۆپ رەھمەت ئېيتىدۇ.»

تۈركىيەنىڭ دۇنيا بويىچە پەلەسىتنلىكلەرنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغداۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بېشىدا كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن مونتېرو، تۈركىيەنىڭ بۇ ھەقتىكى تىرىشچانلىقلىرىنىڭ ئەرەب ئەللىرىدىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

تۈركىيە، جەنۇبىي ئافرىقا ۋە ئىرېلاندىيەنىڭ پەلەستىننى قىزغىن قوللىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن مونتېرو، رۇسىيە، خىتاي، ياۋروپا ئەللىرى، بىرازىلىيە، چىلى، بولىۋىيە، ئۇرۇگۋاي ۋە مېكسىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭمۇ پەلەستىننى قوللاپ پوزىتسىيە تۇتۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر