ئىسپانىيە «ئەرمەنى دەۋالىرى» نى رەت قىلدى

ئىسپانىيە ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتى 1915 – يىلقى ۋەقەلەرنىڭ ئاتالمىش «ئەرمەنى ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» دەپ ئېتىراپ قىلىنىشى مەزمۇن قىلىنغان قانۇن تەكلىپىنى رەت قىلدى.

950747
ئىسپانىيە «ئەرمەنى دەۋالىرى» نى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، كاتالونىيەنىڭ جۇمھۇرىيەتچى سول قانىتى تەرىپىدىن 2016 – يىلى سۇنۇلغان تەكلىپ، تۈنۈگۈن ئىسپانىيە ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتى يىغىنىدا كۈنتەرتىپكە كەلگەن.

1915 – يىلقى ۋەقەلەرنىڭ ئاتالمىش «ئەرمەنى ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» دەپ ئاتالغان ۋە ئىسپانىيە ھۆكۈمىتىدىن ئەنقەرەنىڭ ئاتالمىش «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نى ئېتىراپ قىلىشى ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشى تەلەپ قىلىنغان قانۇن تەكلىپى، تۈركىيەنىڭ دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلىرى نەتىجىسىدە رەت قىلىنغان.

قانۇن تەكلىپى 9 غا قارشى 17 ئاۋاز بىلەن رەت قىلىنغان، 9 ئەزا ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەن. بۇ، يېقىنقى 3 يىلدىن بۇيانقى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان ئۈچىنچى تەشەببۇس بولۇپ قالغان.

ئىسپانىيە ئاۋام پالاتاسى بىلەن ئىسپانىيە يۇقىرى پالاتاسى بۇرۇنمۇ بۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان قانۇن تەكلىپلىرىنى رەت قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر