گىرېتسىيەدە «پەلەستىنگە ياردەم» نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

گىرېتسىيەنىڭ پايتەختى ئاتىنادا پەلەسىتنلىكلەر ئۆتكەن ھەپتە ئىشقا كىرىشتۈرگەن «كەڭ كۆلەملىك يۇرتقا قايتىش» نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.

944564
گىرېتسىيەدە «پەلەستىنگە ياردەم» نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاتىنادا ياشاۋاتقان پەلەسىتنلىكلەر ۋە ھەر خىل سولچىل گۇرۇپپىلارنىڭ چاقىرىقىغا ئاساسەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئاتىنادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىغا يىغىلغان نامايىشچىلار، پەلەستىن بايرىقىنى لەپىلدەتكەن ھالدا شوئارلارنى توۋلاشتى.

نامايىشتا ئېلان قىلىنغان ئورتاق باياننامىدە، پەلەستىن خەلقىنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكى ۋە ھەققانىي كۈرىشىدە چوقۇم غەلىبە قىلىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

تەخمىنەن 3 سائەت داۋاملاشقان نامايىش تىنچ ئاخىرلاشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر